تۈركىيىدىكى نورۇز پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى تۇنجى قېتىم قاتناشتى

تۈركىيىدىكى نورۇز پائالىيىتىگە ئۈرۈمچىدىن كەلگەن، دىلنار ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى، 45 سەنئەتچىنىڭ تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتماقتا.

0:00 / 0:00

تۈرك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دۇنياغا تونۇتۇش مەقسىتى بىلەن 1993-يىلى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مەدەنىيەت مىنىستىرىنىڭ قول قويۇشى بىلەن قۇرۇلغان خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى بۇ يىل دۇنيانىڭ ئورتاق مىراسى بولغان نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەردىن 250 ئەتراپىدا سەنئەتچىنى تۈركىيىگە تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىپ تۈركىيىدە تەنتەنىلىك نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە. 1995-يىلىدىن بېرى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەردىن سەنئەتچىلەر تۈركىيىگە كېلىپ تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان بۇ پائالىيەتكە تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدىن كەلگەن دىلنار ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى 45 سەنئەتچىنىڭمۇ قاتنىشىشى كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتماقتا.

firat-pultash-385.jpg
خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى مۇئاۋىن باشلىقى دوكتور فارۇق پۇلتاش ئەپەندى(سولدا) نورۇز پائالىيىتىدە. 2012-يىلى 19-مارت، ئىستانبۇل. (RFA/Erkin Tarim)

تۈركىيە، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن باشقا 2010-يىلى پارىژدا، ستراسبۇرگدا، 2011-يىلىدا نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىن زالىدا ۋە ۋاشىنگتوندا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە نورۇز پائالىيىتىنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدىن 45 ئۇيغۇر سەنئەتچىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىپ، 19-مارتتا ئىستانبۇلنىڭ ئەيۇپ رايونى بىلەن مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئويۇن قويدى. ئۇلار 20-مارتتا ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا، 21-مارتتا ئەنقەرە رەسىم ھەيكەل مۇزېيى زالىدا، 23-مارتتا سامسۇن ۋىلايىتىدە ئويۇن قويماقچى.

بىز بۇ يىلقى نورۇز پائالىيەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركسوي يەنى خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى مۇئاۋىن باشلىقى دوكتور فارۇق پۇلتاش ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.