0:00 / 0:00
ھازىر تۈركىيىدە 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش پۇلى ئېلىپ ئوقۇۋاتىدۇ. بۇ يىلغىچە، ئوقۇغۇچىلار TCS دەپ ئاتىلىدىغان ئىمتىھان ئارقىلىق ياكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت تەرىپىدىن تاللىنىپ (تۈركىيىدە ئوقۇش ئۈچۈن) ئەۋەتىلىۋاتاتتى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىۋاتقان ئوقۇش پۇلى بېرىش پروگراممىسى 2012-يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنى «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇش پۇلى بېرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرى» نامى بىلەن قايتىدىن تۈزۈپ چىقىلدى. يېڭى سىستېمىدا تۈركىيىدە ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملىتىش، تاللاش، سان ۋە كەسىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.