تۈركىيىدە ئۇيغۇر ئىزلىرى (1)

ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە قاراپ كۆچۈشى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا 1071 - يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ئاناتولىيىگە يەنى بۈگۈنكى تۈركىيە زېمىنىغا كېلىشكە باشلىغان. ھەتتا ئۇيغۇرلار ئاناتولىيىنىڭ ئوتتۇرا رايونىدا "ئەراتنا بەگلىكى" نامىدا دۆلەت قۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.09.03
14-esir-Turkiyide-qurulghan-Uyghur-medrisi-chushenche-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺳﺎﺭﺍﻱ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ: "ﺑﯘ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺭﺍﺗﻨﺎ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﺎﻻﺋﯧﺪﺩﯨﻦ ﺋﻪﺭﺍﺗﻨﺎ 1339 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻻﺋﯧﺪﺩﯨﻦ ﺋﻪﺭﺍﺗﻨﺎ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺳﯘﻟﻰ ﭘﺎﺷﺎ ﺧﺎﺗﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﺍﺗﻨﺎ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﻻﺋﯧﺪﺩﯨﻦ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ."
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ بەگلىكنىڭ قۇرغۇچىسى ئالائېددىن ئەراتنا ئۇيغۇر بولۇپ، كۆسە پادىشاھ دەپمۇ ئاتالغان ئىكەن. ئالائېددىن ئەراتنا دەسلەپتە چىڭگىزخان ئارمىيىسىدە، كېيىن ئىلىكخانلىق دۆلىتىنىڭ ئارمىيىسىدە باش قوماندان ياردەمچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

ئەراتنا بەگلىكى مەزگىلىدە ئۆزى ھۆكۈم سۈرگەن تۇپراقلاردا كۆپ ساندا مەسچىت ۋە مەدرىسە سالدۇرغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى قەيسەرى شەھىرىنىڭ ئالپارسلان مەھەللىسىدىكى كۆشك مەدرىسى يەنى ساراي مەدرىسىدۇر.
14-esir-Turkiyide-qurulghan-Uyghur-medrisi-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻪﺭﺍﺗﻨﺎ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﺎﻻﺋﯧﺪﺩﯨﻦ ﺋﻪﺭﺍﺗﻨﺎ 1339 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺷﻚ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺳﺎﺭﺍﻱ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻫﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻘﺎﺩﯨﺮ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
RFA Photo / Erkin Tarim

مەدرىسىنىڭ ئالدىغا تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە قىلىپ تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلەر يېزىلغان:
    
"بۇ مەدرىسىنى ئەراتنا دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالائېددىن ئەراتنا 1339 - يىلى سالدۇرغان. دەسلەپتە مېھمانخانا، كېيىن مەدرىسە قىلىپ ئىشلىتىلگەن. بۇ مەدرىسىنىڭ ئىچىدە ئالائېددىن ئەراتنا خاننىڭ ئايالى سۇلى پاشا خاتۇن بىلەن ئەراتنا دۆلىتىنىڭ پادىشاھلىرىدىن مەمەت ۋە ئالائېددىن ئەلىنىڭ قەبرىسى بار."

بىز بۇ مەدرىسە ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قەيسەرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تارىخ ھەۋەسكارى ئابدۇلقادىر تۈمتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.