تۈركىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار نېمىلەرنى قىلماقتا؟

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىككى ھەپتىگىچە ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىغا ئايلانغان ئىدى. ھەتتا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى قىرغىنچىلىققا ئوخشاتقان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009-08-25
Share
Enqerede-5-iyul-qanliq-weqesi-yighini-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2009 ‏ - ﻳﯩﻠﻰ 8 ‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 ‏ - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﻏﺎﺯﻯ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﯞﻩ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ "5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ" ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئەمما يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشۈپ قېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايلار ئۇيغۇرلارغا قارشى مەتبۇئات ھۇجۇمىغا ئۆتتى. خىتاي كونسۇلخانىسى يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارغا "ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى" تېمىسىدىكى س د پىلاستىنكىسى ئەۋەتىپ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ مال - مۈلكىگە زىيان سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ھالدا تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى نېمىلەرنى قىلماقتا؟ بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باشلىقى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سۆھبىتىمىزدە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن داۋاملىق ھالدا ئەنقەرەگە كېلىپ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ 1998 - يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن چىقارغان 36 نومۇرلۇق ھۆججەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت