'تۈركىيىدە خىتاينى چۈشىنىش' پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە

10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تۈركىيىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى "تۈركىيىدە خىتاينى چۈشىنىش" پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە خىتاي مىللەتلەر مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل ئۆمىكى نامىدىكى ئۆمەك ئەنقەرەنىڭ جۈنەيت گۆكچەر تىياتىر زالىدا ئويۇن قويدى. بۇ ئويۇنغا كۆپى خىتايدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، شائىرلار، ئىقتىسادشۇناسلار، تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرىنىڭ ئايالى ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

بۇ يەردە خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە تۈرك ساقچىلار قاتتىق تەدبىر ئالغان بولۇپ، تۈركلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى.

بۇ پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش نۇتىقىنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جوڭۋېي قىلدى. ئۇ، سۆزىدە خىتاي - تۈركىيە دوستلۇقى ئۈستىدە توختالدى. كېيىن ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر "قەشقەر سەنىمى" ناملىق ئۇسسۇل بىلەن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە پروگراممىسىنى باشلىۋەتتى.

ئارقىدىن، قازاقچە ناخشا "گۈزەل گۈل" ئورۇندالدى. بۇ ناخشىدىن كېيىن، ئۆزبېكچە يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل "پەقەتلا سېنى ياخشى كۆرىمەن" ھەمدە تاجىكچە، قىرغىزچە ناخشا ۋە ئۇسسۇللار ئورۇندالدى.

Uyghurche-naxsha-izzet-ilyas-305
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17 - ﻛﯜﻧﻰ "ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ" ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﺋﯩﻠﻴﺎﺱ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

داڭلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى ئىززەت ئىلياس ئورۇندىغان "لەۋەن يالار" ناملىق ناخشا بىلەن تۈركچە "چال قانۇننى چال" ناملىق ناخشا كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇ قېتىمقى ئويۇننىڭ بۇرۇنقىدىن پەرقى رىياسەتچى خىتاي، ئۇيغۇر ۋە تۈرك تىلىدا رىياسەتچىلىك قىلدى. 12 مۇقام ئۆمىكى تۈركىيىدە ئويۇن قويغاندا پەقەت خىتاي تىلى بىلەن تۈرك تىلىدا رىياسەتچىلىك قىلىنغان ئىدى.

خىتاي بۇ پائالىيەتنى خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تاماشىبىنلار ناخشا - ئۇسۇللارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېيتىشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.