ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ساقچىلىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار

ئۈرۈمچىدە 5 ‏- ئىيۇل توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 7 - ئىيۇل خىتاي پۇقرالىرىنىڭ زوراۋانلىقى ۋەقەسى، 7 - ئىيۇل ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى، بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ 10 - ئىيۇل جۈمە نامايىشى ۋە 13 - يۇل كۈنى 3 ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ساقچىلىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى قاتارلىق بىر يۈرۈش زەنجىرسىمان ۋەقەلەر يۈز بەردى.

0:00 / 0:00

بۇ ۋەقەلەر ئىچىدىكى 13 - ئىيۇل ۋەقەسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەم قايىللىق ھەم ھەيرانلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلدى.

تۈنۈگۈن ۋەتەندىن چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 13 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە بىر قاتار تولۇقلىما ئۇچۇرلار يەتكۈزدى.

بۈگۈنگە قەدەر خەلقارا مەتبۇاتلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر 3 ئۇيغۇرنىڭ شۇ كۈنى ئاق مەسچىتتىكى جامائەتنى كوچىغا چىقىپ خىتايغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىرغانلىقى، مەسچىت ئىمامىنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ۋە ئىككىسىنىڭ ئۆلۈپ بىرىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئۇيغۇر تىجارەتچى بەرگەن مەلۇماتىدا، ئۇلارنىڭ 2 نەپىرىنىڭ 40 ياش ئەتراپىدا، بىر نەپىرىنىڭ 25 ياش ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ۋە ئىككىسىنىڭ ئوغلى ۋە قېرىندىشىنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەىسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن بىز 13 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ خارەكتىرى ۋە بۇ ۋەقە ھەققىدىكى پەرقلىق قاراشلار ھەققىدە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئابدۇللا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.