بان كىمۇن يەر شارى خاراكتېرلىك يېمەكلىك كرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ شىۋېتسارىيىنىڭ بېرن شەھىرىدىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن 4 ‏- ئاينىڭ 29 ‏- كۈنى شىۋىتسارىيىدە ئېچىلغان 27 چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق مەھكىمىسى ھازىر دۇنيادا ئاشلىق، ماي، شېكەر قاتارلىق ھەرخىل ئاساسىي يېمەكلىك باھاسىنىڭ بۇلتۇرقى مۇشۇ مەزگىلىدىكىدىن %50 چامىسىدا ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.29

755 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېرەك

شۇ سەۋەپتىن ب د ت ئاشلىق مەھكىمىسى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يۈز مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇسقا يېمەكلىك جەھەتتە جىددىي ياردەم بېرىش كېرەك بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنداق بولمىغاندا، نامرات دۆلەتلەردە ئاچارچىلىق ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ياكى جەمئىيەت قالايمىقانچىلىقى چىقىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىرچە 755 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا، ب د ت نىڭ يېمەكلىك مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرى گەرچە دۇنيادا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى توختىتىش ئۈچۈن ئۆسۈملۈك يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا، ھازىر پۈتۈن يەر شارى دۇچ كېلىۋاتقان يېقىلغۇ-ئېنىرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆسۈملۈك يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش بىر ھەل قىلغۇچ مەسىلە، بۇنىڭسىز ھازىرقى يېقىلغۇ-ئېنىرگىيە جىددىيلىكىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى.

يىغىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى بان كىمۇن 27 خەلقئارالىق تەشكىلاتقا يەر شارى خاراكتېرلىك يېمەكلىك كرىزىسى پەيدا قىلغان ئاشلىق باھاسىنىڭ تېز ئۆرلەپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. يىغىندا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر پەۋقۇلئاددە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىندى.

بۇ پەقەت ئامېرىكا ئۆزىلا ھەل قىلالايدىغان مەسىلە ئەمەس

ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇتەخەسسىسى چاتنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، يەر شارى ئىسسىپ كېتىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ، نېفىت يېقىلغۇسى باھاسىنىڭ تېز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ترانسپورت چىقىمى ئۆسۈپ كەتتى. بۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلىشىگە سەۋەبچى بولدى. گۈرۈچ ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلاپ تىجارەت قىلغاچقا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلىگەنلىكى گۈرۈچ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگىمۇ سەۋەبچى بولدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلىگەنلىكى بۇ جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى باشقا پۇللارنىڭ قىممىتىدە ۋە ھەر خىل ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردىمۇ باھا پەرقىنى پەيدا قىلدى. بۇ مەسىلە يالغۇز ئامېرىكا ئۆزىلا ھەل قىلالايدىغان مەسىلە ئەمەس.

چاتنىڭ بايان قىلىشىچە، 2007 ‏- يىلىدا پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاشلىق زاپىسى كۈتۈلمىگەن بىر پەۋقۇلئاددە جىددىيلىك يۈز بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا  169 كۈنگە يېتەتتى. بۇ يىل پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاشلىق زاپىسى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى. ئەگەر كۈتۈلمىگەن بىرەر پەۋقۇلئاددە جىددىيلىك يۈز بەرسە، بۇ ئاران 53 كۈنگە يېتىدۇ.

ئامېرىكا دۇنياۋىي ئاشلىق كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلماقچى

بۈگۈن شىۋىتسارىيىدە ئېچىلغان بۇ يىغىندا، ئامېرىكا دۇنياۋىي ئاشلىق كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەردى. ئەنگىلىيە قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇل ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھازىر 37 دۆلەتتە ئاشلىق جىددىيلىكى كۆرۈلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، كامىرون، خايتى، مىسىر، ۋېيتنام قاتارلىق 37 دۆلەتتە ئاشلىق جىددىيلەشكەنلىكى كۆرۈلدى. فىلىپىندە نامرات ئاھالىلەر گۈرۈچنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارشى نامايىش قىلدى. بىنگالدا گۈرۈچ باھاسى ئۆتكەن 3 ئايدا 30% ئۆرلىدى. ھازىر ئافغانىستاندا 2 مىليون 500 مىڭ نوپۇسنىڭ ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى بۇغداي سېتىۋېلىشقا يەتمەيدۇ. ئارگېنتىنا، برازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئاشلىق جىددىيلىكى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئورمان بايلىقلىرىنى بۇزۇشقا مەجبۇر قىلماقتا.  

تايلاند بارلىق گۈرۈچ زاپىسىنى چىقىرىپ ھازىرقى گۈرۈچ جىددىيلىكىنى ھەل قىلىشقا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئەمما بۇنداق ئەھۋالدا، تايلاند، ۋېيتنام، ھىندىىستان، خىتاي قاتارلىق گۈرۈچ ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر نەچچە دۆلەتنىڭ ئېكىسپورت مىقدارىنى چەكلەش تەدبىرى، يېقىندىن بۇيان گۈرۈچ ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى جىددىيلىكنى ئاشۇرغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن تايلاند كابىنتى بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندتىكى بارلىق گۈرۈچ زاپىسىنى چىقىرىپ ھازىرقى گۈرۈچ جىددىيلىكىنى ھەل قىلىشقا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي پۇقرالىرى ھازىر خىتايدا ئاشلىق باھاسىنىڭ تېز ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىۋاتىدۇ

گەرچە خىتاي پۇقرالىرى خىتايدا يېمەكلىك باھاسىنىڭ تېز ئۆرلەۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىۋاتسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى ھازىر خىتايدا ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىۋاتىدۇ دەپ خەۋەر قىلماقتا.

شىۋېتسارىيىنىڭ ئېرن شەھىرىدە بۈگۈن ئېچىلغان ئاشلىق يىغىنىدا تەشكىل قىلىنغان بىر پەۋقۇلئاددە خىزمەت گۇرۇپپىسى ھازىر، پۈتۈن دۇنيادا ئاشلىق كرىزىسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ تەدبىرلىرىنى ئىزلىمەكتە
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.