ئۇيغۇرلار ئاغزىدا 'غەززە ' رايونى ۋە 'رابىيە قادىر سودا سارىيى'

يېقىندا ۋەتەن زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بايان قىلىشىچە،"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە 2 ئاي بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي بولۇپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا مىللىي ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت يەنىلا پەسەيمىگەن.

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىدىن تۇغقان يوقلاپ قايتىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تولۇق قوراللانغان ساقچىلارنىڭ چارلاپ يۈرگەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ كېچىلىرى سىرتلارغا چىقىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى، يەرلىك ئۇيغۇرلار بۇ رايوننى "گازا" (غەززە) رايونى دەپ ئاتاشسا، كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلار رايونىنى "ئاق تەنلىكلەر رايونى" دەپ ئاتىشىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ كىشى ئۆز سۆزىدە، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى رابىيە قادىر سودا سارىيىدا تىجارەتنىڭ توختىغانلىقىنى، بىنا ئەتراپى قورشالغان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ بۇ ئەتراپقا ھېچقانداق كىشىنى ئۆتكۈزمەيۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىش پىلانى بولسىمۇ ئەمما يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى قوزغىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئۇچۇن، بىر يىل بۇرۇنلا بۇ بىنانى چېقىۋېتىش داۋرىڭى چىققان بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە بۇ بىناغا رەسمىي قول سالمىغانلىقىنى، جەمئىيەتتە بۇ بىنا چېقىلغاندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جاينى قانداق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك پەرەزلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

بۇ كىشى سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدىكى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى" ۋەقەسىنىڭ زەھىرىنى تازىلاش، رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقلار كۆپەيگەنسېرى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا شۇنچە ئىشەنمەيدىغان بولۇۋاتقانلىقىنى، ئىلگىرى رابىيە قادىر خانىمنى ھېچ بىلمەيدىغان كىشىلەرمۇ ھازىر رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قانچە تەشۋىق قىلغانسېرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنچە يىرىكلەشكەن.

رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا قانچە تىللىغانسېرى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلارغا بولغان قىزىقىشى ۋە ئۈمىدى شۇنچە كۈچەيمەكتە ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.