دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتى: ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەلەرنى خىتاينىڭ زۇلۇمى كەلتۈرۈپ چىقاردى

ئىسلام كونفىرانسى، يەنى دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتى، ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردىن كېيىن بايانات بېرىپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئاددىي بىر خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ زۇلىمى سەۋەبىدىن رايوندىكى خەلىقنىڭ مۇسۇلمان كىملىكىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.07.27
Dunya-Islam-Teshkilati-bash-sekritari-305 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻛﻮﻧﻔﺮﺍﻧﺴﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺑﺎﺵ ﺳﯧﻜﺮﯨﺘﺎﺭﻯ ﺋﻪﻛﻤﻪﻟﻪﺩﺩﯨﻦ ﺋﯩﻬﺴﺎﻧﺌﻮﻏﻠﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﮕﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﺎﺵ ﺳﯧﻜﺮﯨﺘﺎﺭ ﺋﻪﻛﻤﻪﻟﻪﺩﺩﯨﻦ ﺋﯩﻬﺴﺎﻧﺌﻮﻏﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
www.oic-oci.org ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ ئىسلام كونفىرانسى تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە ئوچۇق بىر ئىپادە بىلدۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتتى. كونفىرانسنىڭ باش سېكرىتارى ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندىنى جىددىگە تەكلىپ قىلغان.

دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى جىددىدە ئىسلام كونفىرانسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە بۇ قېتىملىق ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ئىدى. كېيىن ئىسلام كونفىرانسى تەشكىلاتى باش سېكرىتارى ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى مۇخبىرلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتتىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ پەقەتلا خەۋپسزلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىش بىلەنلا ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ تۇپراقلارنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە شۇنداقلا سىياسى ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرىغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىلەرنىڭ سۆھبەت يولى ئارقىلىق ھەل بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلىنىڭ يوليورۇقى بىلەن 22 - ئىيۇل كۈنى ئىسلام كونفىرانسى تەشكىلاتى ئەزالىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۈرۈمچى مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش يىغىنى چاقىردى. يىغىندا ئالدى بىلەن باش سېكرىتارنىڭ مۇسۇلمان مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىقلار مەسىلىسى مەسلىھەتچىسى ئەل - ماسرىي ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئىسلام مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن 5 - ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەرگىزمۇ ئاددىي بىر خەۋپسزلىك مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى بەلكى ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە ئىسلام كونفىرانسى تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كېڭىشى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭ دىيىشچە ئىسلام كونفىرانسى تەشكىلاتى باش سېكرىتارى ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى ئۇچرىشىشلاردا خىتايغا، مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنى پەقەتلا ئەسكىرىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنى مەسىلىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىشكە ۋە بۇنى ھەل قىلىشقا چاقىرغان. ۋە يەنە ئۇيغۇر رايونىغا ئادەم ئەۋەتىپ ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىسلام كونفىرانسى تەشكىلاتى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە نىسبەتەن ئارقا - ئارقىدىن خىتاينى ئەيىبلەيدىغان كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە ئىسلام كونفرانسىغا ئادەم ئەۋەتىپ ۋەقە ھەققىدە "چۈشەنچە" بەرگەن شۇنداقلا ئىسلام كونفىرانسى ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىش تەلىپىنى قوبۇل قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئىككى تەرەپ زىيارەتنىڭ كۈن تەرتىپى ھەققىدە كۆرۈشۈۋاتقان بولۇپ، زىيارەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. بىز ئىسلام كونفىرانسىنىڭ بۇ قېتىملىق ۋەقەلەرگە بىلدۈرگەن پوزىتسىيىنى چۆرىدىگەن ھالدا، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.