خىتاي دېھقانلىرىنىڭ «ئۆي قىيىنچىلىقى» ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىنتىلىۋاتقىنى
2012.06.12
خەۋەردە، بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈش خىتاي دېھقانلىرىنىڭ قىيىنچىلىقى، دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. ئەمما رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆي مەسىلىسىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قىيىنچىلىقى خىتاي دېھقانلارنىڭكىدىن تامامەن باشقىچە، ھەتتا ئەكسىچە؛ يەنى خىتاي دېھقانلىرى بۈگۈن زارلىنىۋاتقان بىنا ئۆيگە كۆچۈش، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۆيى چېقىلغاندىن كېيىن ئىنتىلىۋاتقان؛ ئەمما ئېرىشەلمەيۋاتقان بىر ئەھۋال.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدا، شەھەر قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك ئۆيى چېقىلغان خىتاي دېھقانلار بىنا ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خىتاي ئاخباراتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دېھقانلىرى بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشتىن مەمنۇن ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى كاتەكسىمان ئۆيلىرىنى تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن قۇلاي دەپ قارىماقتا. ئەمما ئوخشاش سەۋەبتىن ئۆيى چېقىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولسا، ئۆي-جايلىرىنى قايتا بىنا قىلىشتا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. شۇڭا بۇلار، بېشىنى سوققۇدەك بىر ئۆي ماكانىنىڭ بولۇشىنىلا ئارزۇ قىلماقتا. بۇلار خىتاي دېھقانلىرى مەجبۇرى كۆچۈرۈلگەن بىنا ئۆيلەرگە بولسا ھەۋەس بىلەن قاراشماقتا.
ئاقسۇ ئۇچتۇرپاندىكى دېھقانلارمۇ ئۆي مەسىلىسى ئۈستىدە زارلانماقتا. پوسكامدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆي قىيىنچىلىقى يەنە باشقىچە. بۇ ناھىيىدە 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، دېھقانلاردىن تەرەققىيات پۇلى نامى ئاستىدا پۇل يىغماقتا. بۇ پۇل يىغىلغاندا دېھقانلارنىڭ قورۇ-جايلىرىنى يېڭىلىشىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ پۇللار يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ چۆنتىكىدە غايىب بولماقتا. بۇ ناھەقچىلىكلەر، يېزىلاردا بەزىدە قانلىق ماجىرالارغا سەۋەب بولماقتا.
يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئۆي مەسىلىسى ئۈستىدىكى ناھەقچىلىكلەر ئۈستىدىن تەشۋىقات ماتېرىيالى تەييارلىغان بىر دېھقان ساقچىلارنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ تەشۋىقات ماتېرىيالىنى يوق قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى مال بىساتىغا ئوت قويۇلغان.
يۇقىرىدا پوسكام، ئۇچتۇرپان ۋە يەكەن ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆي مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات سۇندۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.