خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى " قۇياش نۇرى پىلانى" بۇيىچە كۈچەيتىپ ئېلىپ بارماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇتقا مەسئۇل ئورۇنلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن تارتىپ " قۇياش نۇرى ھەرىكەت پىلانى " نامىدا، ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۆت قەدەم باسقۇچ بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەرىكىتى 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىچە داۋاملىشىدىكەن.

0:00 / 0:00

يېڭى نام بېرىلگەن - كونا پىلانلىق ھەرىكەت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تارقاتقان ئوقتۇرۇشىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەسئۇل ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، خىتاي نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۆتكەن ئاينىڭ 10 -كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا " قۇياش نۇرى پىلانلىق تۇغۇت ھەرىكىتى" نامىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى تور بېتىدىن ئىگە بولغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان بۇ قېتىملىق " قۇياش نۇرى پىلانلىق تۇغۇت ھەرىكىتى " ئاساسلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا ‏ - قىشلاقلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى %90 پىرسەنتكىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پىلان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت 10 -ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە تۆت باسقۇچ بىلەن داۋاملىشىدىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا يەنى خىتاي پارتىيە مەركىزى كومىتېت كاتىبات ئىشخانىسى "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكرى" نامىدا ئۇيغۇر ئېلى پىلانلىق تۇغۇت دائىرىلىرىگە ھۆججەت تارقاتقان ئىدى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇس سىلجىشىنى يەنىمۇ كونترول قىلىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتا بۇ خىزمەتنى نۇقتىلىق ئېلىپ بېرىش تەكىتلەنگەن ئىدى.

"تىزىمدىن بىر كىشىمۇ چۈشۈپ قالمىسۇن "

ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەسئۇل دائىرىلەر مەزكۇر پىلان بۇيىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان تۇغۇت كونترول قىلىش خىزمىتىنى چەت ياقا يېزا ‏ - كەنتلەردە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە كېرەكلىك ئەسلىھەلەرنى، تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خادىملارنى كۆپەيتىش بىلەن باشلىغان.

نۆۋەتتە پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى ھەر جايلاردا نىكاھ ھەم تۇغۇت يېشىدىكىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئېنىقلاپ، تىزىملاش ئىشلىرىنى باشلىۋەتكەن، قۇياش نۇرى پىلانلىق تۇغۇت ھەرىكىتى پىلانىدا بۇ خىل تەكشۈرۈپ تىزىملاشنىڭ %100 ئەمەلىيلىشىشى، سانلىق مەلۇماتتا بىرمۇ خاتالىق كۆرۈلمەسلىككە، بىر كىشىنىڭمۇ تىزىملانماي قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي پىلانلىق تۇغۇت دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تىزىملاش جەدۋىلى بۇيىچە، 18 ياشتىن 24 ياشقىچە كىشىلەر بىر گۇرۇپپىغا، 25 ياشتىن 35 ياشقىچە بىر گۇرۇپپا، 36 ياشتىن 49 ياشقىچە يەنە بىر گۇرۇپپا، 50 ياشتىن يۇقىرىلا بىر گۇرۇپپا قىلىپ تۆت خىل گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ تىزىملىنىدىكەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جىنسى، يېشى، نىكاھلىنىشى، تۇغۇت ئەھۋالى ھەتتا ئۇلارنىڭ كەسپى ۋە سالاھىيىتى تەكشۈرۈلۈپ، تۇغۇت چەكلەش ۋاستىلىرى قوللانغان ‏ - قوللانمىغانلىقىمۇ ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ھەر بىر كىشىگە پىلانلىق تۇغۇت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

دائىرىلەرنىڭ پىلانىدا دەسلەپكى ئېنىقلاش ۋە تىزىملاش باسقۇچى تۈگىگەندىن كېيىن پىلانلىق تۇغۇت بۇيىچە خەلققە خىزمەت قىلىش دېگەن نامدا، پىلانلىق تۇغۇت يەنى تۇغۇت چەكلەش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلگىرى قوللىنىپ كېلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش ئۇسۇلى بىلەن تەڭ " ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش" سىياسىتىگە ماسلاشقانلارنى مۇكاپاتلاشنى بىللە يولغا قويۇپ كەلمەكتە. 2005 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئۇيغۇر ئېلىدە بىر بالىلىق بولۇش شەرەپنامىسىگە ئېرىشكەن دېھقانلار ئائىلىسىنىڭ 100 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ۋاڭ لېچۈەن:" پىلانلىق تۇغۇت مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل..."

ئۆتكەن يىلى ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يىغىنىدا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 10 -بەش يىللىق پىلان جەريانىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىپ " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 3 مىليون بوۋاقنىڭ ئاز تۇغۇلغانلىقىنى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدىكى نەتىجە دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنداقلا ئۇ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ ئىشلەپ كەلدى، نوپۇسنىڭ ئاستا ئۆسۈش، ئاز تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ساقلاپ كەلدى،ھەر قايسى ناھىيە،يېزا، كەنتلەرگىچە پىلانلىق تۇغۇت باشقۇرۇش ھەمدە مۇلازىمەت ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلىش ئاڭلىقلىقى ئاشتى" دەپ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ۋاڭ لېچۈەن يەنە "ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەك، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئاز ساندىكى ھەر قانداق مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق، قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلىرىگە يول قويماسلىق كېرەك، دىنىي قائىدىلەرنى كۆتۈرۈۋېلىپ دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى چىقىش، توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويماسلىق كېرەك" دەپ قاتتىق تەكىتلىگەن. شۇندىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشلىرى جىددىي تۈستە داۋام قىلماقتا.

تۇغۇت كونترول قىلىش - نوپۇس چەكلەش

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2007 - يىللىق پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت پىلانىنىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت ۋەزىپىلىرى ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىدىكى قاراردا " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئۈچ ۋىلايەت‏ - ئوبلاستتا نوپۇسنىڭ تېز ئۆرلىشىنى چەكلەپ، 11 - بەش يىللىق پىلان جەريانىدا بۇ جايلاردىكى نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئۆرلەش نىسبىتىنى %11 ئەتراپىدا كونترول قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت " دېيىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ 7 - ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2008 - يىلى بىر يىل ئىچىدە يالغۇز پەرزەنت كۆرۈش كىنىشكىسى ئالغان ئائىلىلەر 98 مىڭ 948 ئائىلىگە يەتكەن بولۇپ بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىكلىرى ئىگىلىگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىنىشى تېخىمۇ قاتتىق بولماقتا،پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈش داۋامىدا، تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىلىرى ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىلىرىدە ئاز بولمىغان ئۇيغۇر ئانىلار ۋە بالىلار ئوخشاشلا زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىكەن.