تۈركىيە «قانال ب» تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە بولدى

2012‏-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە تۈركىيە قانال ب تېلېۋىزىيىسىنىڭ «تاشقى جەمئىيەت» ناملىق پروگراممىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە «قانال ب» تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە بولدى. 2012-يىلى 21-مارت، تۈركىيە.
تۈركىيە «قانال ب» تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە بولدى. 2012-يىلى 21-مارت، تۈركىيە.
RFA/Arslan

بۇ پروگرامما «قانال ب» تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەپتىلىك پروگراممىسى بولۇپ، بۇ ھەپتىلىك پروگراممىدا نورۇز بايرىمى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ ئادەتلىرى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

پروگراممىغا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بەردى سارىيۇف ئەپەندىلەر قاتناشتى. بۇ پروگراممىغا «قانال ب» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خادىمى مىتھات سىرمەن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ پروگرامما سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

«تاشقى جەمئىيەت» ناملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا دوكتور ئەركىن ئەمەت ۋە دوكتور بەردى سارىيۇف ئەپەندىلەر قاتناشتى. 2012-يىلى 21-مارت، تۈركىيە.
«تاشقى جەمئىيەت» ناملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا دوكتور ئەركىن ئەمەت ۋە دوكتور بەردى سارىيۇف ئەپەندىلەر قاتناشتى. 2012-يىلى 21-مارت، تۈركىيە. RFA/Arslan

بۇ پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز قاتارلىق بايراملارنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقى، تۈرك دۇنياسىدا نورۇز بايرىمىنىڭ قانداق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت بىرلىكى ۋە ھەمكارلىقى شۇنداقلا مەدەنىيەت بىرلىكى قۇرۇش، بىرلىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دوكتور ئەركىن ئەمەت، رىياسەتچىنىڭ، تۈركىيە قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مەدەنىيەت بىرلىكى ۋە ھەمكارلىق توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ. تۈرك دۇنياسى، يەنى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆتمۈشتە ئۆزئارا يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، 19-ئەسىردىن باشلاپ بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى، 1900-يىللاردا ئىسمائىل غەسپىرالىنىڭ دەۋرىدە تۈركىيىدە نەشر قىلىنغان گېزىتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەرنىڭ ئوقۇغانلىقىنى، كېيىنكى دەۋرلەردە تۈرك دۇنياسىدىكى خەلقلەرنىڭ بىرى-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە يەنە ھازىرمۇ تۈرك دۇنياسىدىكى خەلقلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەلەپلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما بۇنىڭغا قارىتا تۈرك دۇنياسىدا ئەمەلىي بىر خىزمەت ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەمەت سۆزىدە يەنە تۈركمەنلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پىيالە ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى مىسال قىلىپ، تارىختىن بۇيان تۈرك دۇنياسى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت-ئۆرۈپ ئادەتلىرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، تۈرك دۇنياسى خەلقلىرىنىڭ بىر-بىرىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، تۈركلەرنىڭ تارىخى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئوخشاش بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئەمما تارىخى ۋە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇناسىۋەتلىرى ئۈزۈلۈپ قېلىپ بىر بىرىدىن ئۇزاق قالغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەمەت سۆزىدە يەنە تۈرك دۇنياسىدىكى خەلقلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: تۈرك دۇنياسىدىكى خەلقلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش خىزمىتى، تۈرك دۇنياسى ئالىملارنىڭ، سىياسىيونلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭمۇ ئاخبارات ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى تونۇتۇشتا مۇھىم مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەمەت سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: نورۇزغا ئوخشاش ئورتاق بايراملار تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئىشغال ئاستىدا قالغان بىر زېمىن، ئۇ يەردە ئۆزىمىزنى تۈرك دېيەلمەيمىز. بىز، مىللىي، مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى ۋە مىللىي تۇيغۇلارنى بۇ خىل مىللىي بايرام ۋە داستانلاردىن ئۆگىنىمىز.

ئەركىن ئەمەت ئۇيغۇرلاردا نورۇزنىڭ قانداق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بىزدە نورۇز بايرىمى بولغاندا ھەر كىم ئۆزىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىدۇ، شېئىر يېزىپ كېلىپ ئوقۇيدۇ، بۇ نورۇز بايرىمىنىڭ پروگراممىلىرىدا ياشلارنىڭ ئەخلاقلىق بولۇشى، ئىلىم ئۆگىنىشى، چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتىشنى ئاساس قىلىپ شېئىر، نەسىر ۋە ماقالىلەر ئوقۇلىدۇ. بۇ خىل ئۆرۈپ-ئادەتلەرنى ياشلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن ئالىملار، سىياسىيونلار ۋە ئاخباراتلارغا مۇھىم بىر ۋەزىپە يۈكلىنىدۇ.

«قانال ب» تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا يەنە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېت تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بەردى سارىيۇف، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتقا قوبۇل بولغۇچە بولغان دەۋردە قانداق بىر باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ؟ بۇنى كۆزىتىپ چىقىش كېرەك. يەنى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ئورتاق بىر مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى، تۈرك دۇنياسى بىرلىكى ۋە ھەمكارلىقى توغرىسىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابىغا كىرگۈزۈش كېرەك. بۇ ھەقتە تۈرك دۇنياسىنىڭ بىلىم ئادەملىرى، كەسىپداشلار ئارا ئورتاق بىر ئىش-پىلان تۈزۈپ چىقىش ۋە بۇ ھەقتە بىر نەتىجىگە ئېرىشىش كېرەك دەپ ئويلايمەن.

پروگراممىغا يەنە تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى خەلق مەدەنىيەتلىرى تەتقىقاتى بۆلۈمنىڭ سابىق مۇدىرى يەھيا ئاكسوي ئەپەندى تېلېفون ئارقىلىق قاتنىشىپ، يىپەك يولىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئاسماندا سامان يولى، زېمىندا يىپەك يولى بار، يىپەك يولى دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمى ۋە ئەڭ مۇھىم قۇرۇقلۇق يوللىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ئوخشاش ۋاقىتتا تىجارەت، مەدەنىيەت ۋە دىپلوماتىيە، دىنى ئېتىقاد ۋە نورۇز يولىدىن ئىبارەتتۇر. شۇ سەۋەبتىن دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ يىپەك يولىنىڭ بويلىرىدا ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ نورۇز بايرىمى بىلەن بىرلەشكەنلىكى مەلۇم، ئۇلار قىش پەسلى بىلەن خوشلىشىپ، باھار پەسلىنى كۈتۈۋالغان، قىشنىڭ سوغۇقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ياز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى خۇشاللىق ۋە ھاياجان بىلەن كۈتۈۋالغان بىر كۈننى باھار بايرىمى يەنى نورۇز بايرىمى دەپ ئاتايدۇ. دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدا بۇ بايرامنى تەبرىكلەيدۇ، مەن 1992-يىلى تەتقىقات ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا باردىم، قەشقەر، تۇرپان، ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلدىم، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئات چاپتۇرۇپ، بەيگە قىلىش، شېئىر ۋە ناخشا ئوقۇش، ئۇسۇل ئويناش بىلەن بايرامنى تەبرىكلەيدۇ. تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندا ئېلىپ بارغان سەپەرلىرىمدە شۇنىڭدەك ئەربىل، كەركۈك، ئىراقنىڭ شىمالى رايونلىرى ھەم ئافغانىستاننىڭ شىمالى رايونلىرىدا كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇنى تەتقىق قىلىپ چىقتىم ۋە رەسمىي ئارخىپقا قوشتۇم.

شۇنىڭ ئۈچۈن نورۇز بايرىمىنى بىزنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت ۋە تارىخى يادىكارلىقلىرىمىز دەپ قاراش، كەڭ بىر جۇغراپىيىلىك بوشلۇقتىكى ئوخشىمىغان خەلقلەر، مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر تەبرىكلەيدىغان بۇ بايرامنى ئىنسانپەرۋەرلىك بايرىمى، باھارنى قىزغىن قارشى ئېلىش بايرىمى، قىيىنچىلىقلاردىن بىرلىكتە قۇتۇلۇش، كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش بايرىمى دەپ قارىشىمىز ھەم تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت