ياۋروپا پارلامېنتىدا «تەقدىرى بەلگىلىنىۋاتقان كەشمىر، شەرقىي تۈركىستان ۋە گىلگىت بالتىستان» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2011.12.07
7-دېكابىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدا ياۋروپا پارلامېنتىدا «تەقدىرى بەلگىلىنىۋاتقان كەشمىر، شەرقىي تۈركىستان ۋە گىلگىت بالتىستان» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ياۋروپا پارلامېنتى پارلامېنت ئەزاسى، گىلگىت بالتىستان دوستلۇق گۇرۇپپىسى باشلىقى جۇرگەن كروتزمان ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى، گىلگىت بالتىستان دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەزاسى كرىستىنا يوجۇلاند خانىم، كانادا خەلقئارا تىنچلىق ۋە دېموكراتىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى مۇمتاز خان، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى يازغۇچى روي سترىدەر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىش بېجىرىش خادىمى مەمەت توختى ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. 3 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ يىغىنغا يەنە پارلامېنت ئەزالىرى، ياۋروپا پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مەسئۇللىرى، خىتاي، ھىندىستان، پاكىستان ئىشلىرىغا مەسئۇل بۆلۈملەرنىڭ خادىملىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ 50 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
مۇخبىرلارغا يېپىق ئېچىلغان بۇ يىغىندا ئازاد كەشمىر، شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرىداش بولغان گىلگىت بالتىستاننىڭ تارىختىكى ئورنى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان خىتاي خەۋپى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان. مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ ھازىر ئۇ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان.
بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، مەمەت توختىدىن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەقدىرى بەلگىلىنىۋاتقان كەشمىر، شەرقىي تۈركىستان ۋە گىلگىت بالتىستان» ماۋزۇلۇق يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلىدۇق.