ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تەكىتلەندى
ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك يىغىنى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابىدا چاقىرىلغان ئىدى.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2008-11-25 -
-
-
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 2003 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، 11 - ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﻗﺎﻣﺎﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ 5 ﺋﺎﻱ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﻥ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻪﻥ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻰ ﻣﯧﻴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻣﯧﻴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim
Your browser doesn’t support HTML5 audio
21 - نويابىر كۈنى تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى يىغىننىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە 15 بەتلىك بىر دوكلات ئېلان قىلغان. خىتايدىكى تەن جازاسى مەسىلىسى ئەيىبلەنگەن بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋالىغىمۇ بەلگىلىك ئورۇن بېرىلگەن.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ دەسلەپكى قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ بەزى ئىجابىي قەدەملەرنى باسقانلىقى، مەسىلەن: 2001 - 2005 - 2007 - يىللىرى تەن جازاسىغا قارشى بەزى قانۇنلارنى چىقارغانلىقى، يەنە بەزى قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكى ۋە بەزى ئىجابىي سىياسەتلەرنى بەلگىلىگەنلىكى ھەمدە بۇ قېتىمقى تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش يىغىنىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، يېقىندىن ماسلاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، قالغان قىسمىدا خىتايدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئېغىر جازا مەسىلىلىرى تىلغا ئېلىنغان.
ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، 6 - نويابىر كۈنى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋاللىرىنى ئەمەلىي پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، 31 كىشىلىك خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى نەق مەيداندا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ ب د ت نىڭ بۇ دوكلاتىنى دەرھال ئىنكار قىلىپ، نارازىلىق باياناتى بەرگەن. ئەمما يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللارغا 2010 - يىلى 11 - ئايغا قەدەر جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.