مۇستافا ئەنۆز ئەپەندى ئىلتىماسىدا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە خىتايلار ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن تۆۋەندىكى 3 سوئالنى سورىدى.
بىرىنچى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولۇش سۈپۈتىڭلار بىلەن، خىتايلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ باردىڭلارمۇ؟
ئىككىنچى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش جەھەتتە نېمە خىزمەتلەرنى قىلدىڭلار؟
ئۈچىنچى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمە خىزمەتلەرنى قىلماقتا؟ بۇ ھەقتە خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا نارازىلىق خېتى تاپشۇرۇشنى ئويلاۋاتامدۇ؟
بىز پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا ئەنۆز ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سۇنغان خېتى ھەققىدە ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.