خىتاي مۇخبىر ماقالىسىدە ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ئۇچراۋاتقان بېسىم توغرىسىدا توختالدى

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىلىرىغا كىرگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ماھارەتلىرى ھەققىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەرلەر كۆپىيىشكە باشلىدى.

0:00 / 0:00

ئەمما بۇ خەۋەرلەردە ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە بېسىملار تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇربىز تورىدا ياڭ نى ئىسىملىك خىتاي مۇخبىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق پەقەت پۇتبول سەۋەبىدىنلا ئەمەس، ئەمما ئۇلار پەقەت پۇتبولنىلا ئىستەيدۇ» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە، تاش ئالما كوماندىسىنىڭ پۇتبول ماھىرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىگە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن كېلىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇر بىز تورىدا 16-نويابىر ئېلان قىلىنغان «ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق پەقەت پۇتبول سەۋەبىدىنلا ئەمەس، ئەمما ئۇلار پەقەت پۇتبولنىلا ئىستەيدۇ» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن غەربىي دىيار تاش ئالما پۇتبول كوماندىسىنىڭ 9-ئاي مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىدىن يىراق بولغان خىتاينىڭ خېبىي قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىكى مەشىق مەيدانلىرىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە بىرقەدەر تەپسىلىي خەۋەر بېرىلگەندىن باشقا، ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن پەرقلىق ھالدا بىر خىتاي مۇخبىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق، ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىگە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كېلىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملار بايان قىلىنىپ، ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرلىرىغا بولغان ھېسداشلىق تۇيغۇسى ئىپادىلەنگەن.

ئاپتور ياڭ نى 11 بەتلىك زىيارەت خاتىرىسىدە، تاش ئالما كوماندىسىدىكى ئۇيغۇر ماھىرلىرىنىڭ خىتاي پۇتبولچىلىرىدىن پەرقلىق ھالدىكى ئىنتايىن ناچار بولغان مۇسابىقە شارائىتلىرى، ئايلىقى ئارانلا 1600 سومدىن 1800 سومغىچە بولغان تۇرمۇش راسخوتى ئالىدىغان ئەھۋاللارنى بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىپ، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىنىڭ 2-دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

خىتاي مۇخبىرى ياڭ نىنىڭ ئۇيغۇر بىز تورىدا ئېلان قىلىنغان«ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق پەقەت پۇتبول سەۋەبىدىنلا ئەمەس، ئەمما ئۇلار پەقەت پۇتبولنىلا ئىستەيدۇ» ناملىق زىيارەت خاتىرىسى ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە ياڭ نى تەرىپىدىن بايان قىلىنغان ئەھۋاللارنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋال ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىنكاسلار يېزىلدى.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۇتبول كوماندىلىرىدا ئۇزۇن يىل كەسپىي پۇتبولچى بولۇپ خىتايدىكى دۆلەت دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان بىر پۇتبول ماھىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياڭ نىنىڭ زىيارەت خاتىرىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەھۋاللارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاپتور ياڭ نى ماقالىسىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىنى ئۇيغۇرلاردىن يىراق بولغان خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئارقىلىق، ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىنى مۇسابىقىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلغان بولسا، كوماندىدىكى ماھىرلارنى ئۆز يۇرتداشلىرىدىن ئايرىپ ئۇلارنىڭ روھى كەيپىياتىغا ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن. ماقالىدە نۇقتىلىق ھالدا 2-سېنتەبىر كۈنى خېبىيدىكى شىياڭخې دۆلەتلىك پۇتبول مەشىق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ب دەرىجىلىكلەر ئايلانما مۇسابىقە ئەھۋالى ۋە ئارانلا 100 نەچچە ئورۇندۇقى بار بۇ مۇسابىقە مەيدانىغا مۇسابىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭدىن نۇر ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىتى تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ، 20 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ كەلگەنلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇسابىقىنى كۆرۈش جەريانىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرى بايان قىلىنغان.

ئاپتور خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇسابىقىنى ئۇيغۇرلاردىن يىراق بولغان خېبىينىڭ كىچىك بىر شەھىرىدە ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ،«25 ياشلىق نۇر ئايلىق تاپاۋىتى 4-5 مىڭ سوم ئەتراپىدىكى ئەركىن كەسىپ ئىگىسى. ئۇ بۇ قېتىم 2000 نەچچە سومغا بىر ئاپتوبۇسنى كىرا قىلىپ، بېيجىڭدىن 90 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خېبىينىڭ شىياڭخې دېگەن يېرىگە غەربىي دىيار تاش ئالما كوماندىسىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن كەلدى. گەرچە زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرى ۋە تاش ئالما كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان كوماندا ئەزالىرى ماڭا مۇسابىقىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن يىراق جايدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە بىر نېمە دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىلەردە، نەچچە يۈزلىگەن قوراللىق ساقچىلار ئەۋەتىلىپ، مەيداننى قوغدىغان شارائىتتىمۇ مۇسابىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەر جايلاردىن توپلانغان 40-50 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقىدىن قورققانلىقى ئۈچۈنلا، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ۋە 18-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە مۇقىملىقنى ساقلاشنى باھانە قىلىپ، كېيىنكى نۆۋەتلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى ئۇيغۇرلاردىن يىراق يەردىكى ھەتتا تاماشىبىنلاردىن مۇستەسنا ھالدىكى ئادەم بارمايدىغان پىنھان بىر مەشىق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاندى» دېگەن بايانلارنى بېرىدۇ.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇسابىقە مەيدانىدا تاماشىبىنلارنىڭ پۇتبولچىلارغا مەدەت بېرىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىنى ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىدىن يىراق بولغان، ھەتتا تاماشىبىنلار بولمىغان خىتاي ئۆلكىسىدىكى پىنھان مەشىق مەيدانىدا مۇسابىقە ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ، پۇتبولچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇلارغا روھى جەھەتتىن ئېغىر زەربە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، پۇتبولدىن ئىبارەت بىر تەنتەربىيە تۈرىنىمۇ سىياسىيلاشتۇرۇۋېتىشى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىغا ئېغىر زەربە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەنقىدلىدى.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2012-يىللىق ب دەرىجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى بۇ يىل 5-ئاي مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى كوماندىسى بولغان غەربىي دىيار تاش ئالما پۇتبول كوماندىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن كوماندىلار بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىلەردە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى بىلەن خىتايدا شەرەپ قازانغان بولسا، مۇسابىقىنى كۆرگىلى كەلگەن 40 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى رېكورت ياراتقانلىقى، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا «جۇڭگودىكى توپ مۇسابىقىسى كۆرگۈچىلەر سانىدا يەنە بىر قېتىم رېكورت ياراتتى» دەپ تەرىپلەنگەن.

غەربىي دىيار تاش ئالما پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى مۇسابىقە ئەھۋالى ۋە پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى خىتايدىكى تور بېكەتلىرىدە غۇلغۇلا قوزغاپ قالماستىن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ بېرىلگەن ئىدى. لېكىن تاش ئالما پۇتبول كوماندىسىنىڭ 8-ئايدىن كېيىنكى مۇسابىقىلىرى ھەققىدە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھەم ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە ئۇچۇر بېرىلمەسلىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە ئىنكاس قىلىنىپ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى.