76 - نۆۋەتلىك دۇنيا قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيىدا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر توغرىسىدا قارار ماقۇللاندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.09.29
2010.09.29
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﻧﺎﻧﺠﻮﯞ ﺗﺎﺭﻗﺎﻥ.
بۇ قۇرۇلتايغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچى، شائىر، قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە پائالىيەتچىلەردىن بولۇپ 110 دۆلەتتىن كەلگەن قەلەمكەشلەر قاتناشماقتا.
بۇ ۋەكىللەر 4 كومىتېت بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا. بۇلار: ئايال يازغۇچىلار كومىتېتى، تۈرمىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداش كومىتېتى، بالىلار ئەدەبىياتى كومىتېتى ۋە تەرجىمە كومىتېتى.
بۇ يىغىنغا قازاقىستان، كانادا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 7 ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە پائالىيەتچى قاتناشماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە بۇ يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، قۇرۇلتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە تور بېتى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن قەيسەر ۋە دولقۇن ئەيسالار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.