'ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز؟'

تۈركلەر تارىخ كىتابلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئىكەنلىكىنى، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ تۈركىستاندىن كەلگەنلىكىنى يازغاچقا ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. تۈركلەر "سىز قەيەرلىك؟" دەپ سورىغىنىدا "مەن ئۇيغۇر" دېسىڭىز، تەبەسسۇم بىلەن "تونۇشقانلىقىمىزدىن خۇرسەن بولدۇم" دەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ.

ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﻤﻪﺳﮕﯘﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻟﻨﯩﯔ 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﻤﻪﺳﮕﯘﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻟﻨﯩﯔ 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﻧﯜﺷﻰ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

0:00 / 0:00

ھالبۇكى، تۈركىيىدىكى دەرسلىك كىتابلاردا قەدىمكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنى تارىختا ئۆتكەن بىر مىللەت دەپ بىلىدىغان تۈركلەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس.

ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسگۇت رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا مەدەنىيەت - سەنئەت فېستىۋالنىڭ9 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرۈۋاتقان تاماشىبىنلاردىن "ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز؟"، "ئۇلار ھازىر قەيەردە ياشايدۇ؟" دەپ سورىدۇق.

Uyghur-medeniyet--seniti-xelqara-estiwalda-qolida-kokbayraq-kotergen-tamashibin.jpg-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﻛﺒﺎﻳﺮﺍﻕ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻦ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

بىز سوئال سورىغان كىشىلەرنىڭ 30 پىرسەنتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئۆتكەن بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. 70 پىرسەنتى بولسا ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا، خىتايلارنىڭ قول ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قاتتىق ئېچىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.