باۋارىيە تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇرلار
مۇخبىرىمىز ئەكرەم خەۋىرى
2008.08.19
2008.08.19
4 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﺟﯘﻣﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ 16 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ. 2000 ﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ AFP ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻣﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ.
AFP Photo
كۆپ مەزمۇنلۇق كۆرۈنۈشلەر
13 - ئاۋغۇست كۈنى كەچ سائەت 9:30دا، باۋارىيە شتاتىنىڭ بىرىنچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بولغان ب ر قانىلى، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىگە سۇندى. فىلىمدا د ئۇ ق باش شىتابىنىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ۋە ھەر خىل مىللىي چاقىرىقلار بىلەن بېزەلگەن كۆرۈنۈشى، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىدىن مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجان، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا، ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت قاتارلىق مىيۇنخېندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار زىيارەت ئوبېكتى قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئېلىپ بارغان نامايىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى فىلىم ئارىسىغا كۆپلەپ قىستۇرۇپ ئۆتۈلگەن.بۇ فىلىمدا يەنە، باۋارىيە شتاتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھېرمان (جوئاچىم ھېررمانن) ئەپەندى، گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى باۋارىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مارگارېتې باۋزﯤ (مارگارەتە بائۇسە) خانىم ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس (ئۇلرەچ دەلىئۇس) ئەپەندىلەرمۇ زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى پىكىرلىرىگە يەر بېرىلگەن. قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ فىلىم د ئۇ ق باش شىتابى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ باۋارىيە تېلېۋىزىيە قانىلىدا تۇنجى قېتىم مەخسۇس تونۇشتۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
قەشقەر ۋەقەسىگە باھا
فىلىمدا 4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسىدىن كېيىن، قەشقەردە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەربىي ھالەت تۈسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ يەردە مۇستەقىلچى ئۇيغۇرلارنىڭ 16 نەپەر خىتاي ساقچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە 16 نەپىرىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ھەر يېرىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى دىكتورنىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلغان.مەزكۇر فىلىمدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قايسى دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن گېرمانىيىلىك تۈرك زىيالىيسى ئىسكەندەر ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە يۇقىرى باھا بەردى ۋە بۇ خىلدىكى قارشىلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى، پۈتكۈل تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۈركلەر كەبى ھۆر ياشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.
خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىكى
فىلىمدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دەھشەتلىك باستۇرۇشلار ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلىنغان شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى ئەتراپلىق ئىزاھلانغان. مەسىلەن؛ د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، بۇ فىلىمدا خىتاينىڭ قۇرۇلتاي خادىملىرىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىغا داۋاملىق ۋىرۇسلار ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ كومپيۇتېرلىرىنى كېرەكتىن چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن.يېشىللار پارتىيىسى باۋارىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مارگارېتې باۋزﯤ خانىم بولسا، خىتاينىڭ د ئۇ ق نىڭ پائالىيەتلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي كونسۇللىرىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ بۇندىن بىر يېرىم يىل ئىلگىرى، خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى باش كونسۇلى ياڭ فامىلىلىك خىتاينى سوتقا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. قۇرۇلتاي ئىچكىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئائىلىسىنى جەم قىلىشىغا ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقان ۋە ئاتا - ئانىسىغا تۈرلۈك بېسىملارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.









