ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟

ئۈرۈمچىدە 3 - سېنتەبىر يىڭنە سانجىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئاھالىسى كوچىلارغا چىقىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە قىستىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2009.09.14
Wang-Lechuan-Nur-Bekri-Picharlashmaq-305 ﯞﺍﯓ ﻟﯧﭽﯘﻩﻥ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﺑﻪﻛﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.nytimes.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، Ciaro Cortes iv / Reuters ﻧﯩﯔ.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار ۋاڭ لېچۈەنگە قانداق قارايدۇ؟ ۋاڭ لېچۈەننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى،ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىغا يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ كېلەلەمدۇ ؟

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھازىر كاندىدا ياشاۋاتقان ئابلەت نۇر ئەپەندى ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا ھېچقانداق يېڭى ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "مەيلى ۋاڭ لېچۈەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر خىتاي ۋەزىپىگە ئولتۇرسۇن، خىتايلاردىن ھاكىمىيىتىمىزنى قولىمىزغا ئالمىغىچە بىزگە ياخشىلىق يوق. چۈنكى، خىتايلار ئوغرى ھۆكمىدە، بىز ئۆي ئىگىسى، ھېچقاچان ئۆيگە بىر ئوغرى كىرسە، ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان، يەنە بىر ئوغرى كىرسە يامان مۇئامىلە قىلىدىغان ئىش يوق، ئوغرى ھامان ئوغرى."

ھازىر ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىسى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ۋاڭ لېچۈەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، مەركەز يەنە ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بىرىنى ۋەزىپىگە قويىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىدىغان بىر دەۋرگە كېلىپ، ئۆز رەھبەرلىرىنى ئۆزلىرى سايلاپ چىقمىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ."

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن 'يەرلىك خاقان' دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ۋاڭ لېچۈەنگە بولغان كۆز قاراشلىرى ھەققىدە توختالغان ئابلەت نۇر ئەپەندى مۇنداق دېدى: "ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن 14 يىل جەريانىدا 'مەن بولمىسام شىنجاڭ قولدىن كېتەتتى' دېگەن ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئۇ شەرقى تۈركىستان خەلقىگە ئىنتايىن زۇلۇم سالغان زالىم خىتاي."
 
ئابلەت نۇر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىش ئۈچۈن سايلام ئەركىنلىكى بولۇشى، ئۆز رەھبەرلىرىنى ئۆزلىرى سايلام چىقالىشى كېرەك ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.