خارىي فان بوممېل:بۇ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ھەرىكەت بوپتۇ

ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خىتاي ئاكتىپلىرى سپ پارتىيىسىنىڭ غوللۇق رەھبىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى خارىي فان بوممېل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2011.06.21
5-iyul-qirghinchiliqigha-ait-filmni-kormekte-gollandiye-305.jpg گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خىتاي ئاكتىپلىرى خارىي فان بوممېل ئەپەندى بىلەن «5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» غا ئائىت فىلىمنى كۆرمەكتە. 2011-يىلى 20-ئىيۇن.
RFA/Pidaiy

2011‏-يىلى 20‏-ئىيۇن گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان پارلامېنت بىناسىدا ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خىتاي ئاكتىپلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا پائالىيەتچىلەر، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى، سپ پارتىيىسىنىڭ غوللۇق رەھبىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى خارىي فان بوممېل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە دوكلات بەردى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن بەختىيار ناسىر ۋە غەيرەتجان روزى ئەپەندىلەرنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ سۆھبەتكە، گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ باشلىقى تېمتسىلتۇ شوبتسود ئەپەندى، دېموكراتىك پائالىيەتچىسى ۋېي گواڭجوڭ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خانىمى، گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي دېموكراتلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپلىرىدىن مونا جىمىنتاڭ خانىم قاتارلىقلار قاتناشتى.

RFA-muxpiri-gollandiye-ziyarette-385.jpg
گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خىتاي ئاكتىپلىرى RFA نىڭ مۇخبىرى بىلەن. 2011-يىلى 20-ئىيۇن.
RFA/Pidaiy

سۆھبەت ئەرشىدىن ئىسرائىل مەسىلىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر، گوللاندىيىدىكى ئىلتىجا ئىشلىرى ھەل بولمايۋاتقان پاناھلانغۇچىلار ۋە بۇ قېتىم يېڭى ئېلان قىلىنغان «5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» غا ئائىت فىلىمنى مەركەز قىلغان ئۈچ ئاساسى نۇقتىغا مەركەزلەشتى.

فىلىم سۆھبەت ئىشتىراكچىلىرىغا نەق مەيداندا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ھەممەيلەن دېگۈدەك قاتتىق غەزەپلەندى ۋە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈردى.

خىتاي دېموكراتلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپلىرىدىن مونا جىمىنتاڭ خانىم مەزكۇر فىلىم ھەققىدىكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ: ئىنسانلارغا قارىتىلغان بۇ خىل ھاقارەتنى تىل بىلەن ئىپادىلەش ئاجىزلىق قىلىدۇ، دېدى.

پارلامېنت ئەزاسى خارىي فان بوممېل ئەپەندى فىلىم ھەققىدىكى ئىنكاسىنى ئىپادىلەپ: بۇ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپ بىر ھەرىكەت بوپتۇ، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.