خىتايدا دېھقانلار بىلەن شەھەر پۇقرالىرىنىڭ كىرىمىدىكى پەرق زورايماقتا

خىتايدا ئىقتىسادىي ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بايلىق كەمبەغەللىك پەرقىمۇ زورىيىپ بارماقتا.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.09.30
xitay-bay-toy-mashina-305.jpg خىتاي ئۆلكىسىدىكى بىر كارخانىچىنىڭ تويى مۇراسىمى ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئېسىل ماشىنىلىرى. توي مۇراسىمىغا كەتكەن پۇل $800،000 بولغان. 2006-يىلى 21 ئۆكتەبىر.
AFP

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى بارغانچە تۆۋەنلەۋاتقان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى بىلەن شەھەر پۇقرالىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرىچە نىسبەت پەرقى 3.23 دە 1 بولۇپ، خىتايدىكى شەھەر پۇقرالىرى بىلەن دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئورنى جەھەتتىكى پەرقى دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتىنمۇ يۇقىرى ھالەتكە يەتكەن.دوكلاتتا يەنە بەزى نامرات يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ شەھەر پۇقرالىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي پەرقىنىڭ 6 گە قارشى 1 ياكى 7 گە قارشى 1 نىسبەت ھالىتىگە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، خىتايدا شەھەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ 20 يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 3 ھەسسە ئاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى خىتاي دېھقانلىرىغا ئوخشاشلا ئىجتىمائىي ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېزىلىشكە ئۇچراشتىن سىرت يەنە، شەرقىي تۈركىستاندا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن تېرىلغۇ يەرلىرى ئىگىلىۋېلىنىپ، قوشلاپ تاجاۋۇزچى ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2005-يىلدىكى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى پەرقىدە، شەھەر پۇقرالىرى بىلەن دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق 1.6 دە 1 نىسبەت بولۇپ، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە شەھەر پۇقرالىرى بىلەن دېھقانلارنىڭ تاپاۋىتىدىكى پەرق ھەر ۋاقىت 1.5 گە قارشى 1 نىسبەتتىن تۆۋەن ھالەتنى ساقلاپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا دېھقانلارنىڭ نامرات قېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسى سەۋەب يەنىلا خىتايدىكى چىرىكلىك، پارىخورلۇقنىڭ ئەۋج ئېلىشى بولۇپ، بىر پارتىيىلىك ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمىدىكى خىتايدا دېموكراتىك تۈزۈم يولغا قويۇلمىغىچە، خىتايدىكى دېھقانلار مەسىلىسى ھەل بولۇشى قىيىن ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، يېزىلاردىكى دېھقانلار بىلەن شەھەر پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى تاپاۋەت پەرقىنىڭ چوڭىيىشى جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىدىغان مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلە بولغىنى ئۈچۈن، ياپونىيە ھەم غەرب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان دېموكراتىك دۆلەتلەر بۇ يىللاردا يېزا بىلەن شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئازايتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىكەن.

دوكلاتتا خىتايدا بارغانچە چوڭىيىۋاتقان شەھەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتە ئىقتىسادى پەرقتىن باشقا ئىجتىمائىي پەرقنىڭمۇ چوڭلۇقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي دېھقانلىرىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ نامرات كىشىلەرگە ئايلىنىپ قېلىشى خىتايدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، بۇندىن كېيىن خىتايدىكى نامرات دېھقانلار مەسىلىسىنىڭ خىتايدىكى زور ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، خىتايدىكى شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، خىتايدىكى دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادى ھەم ئىجتىمائىي ئورنى جەھەتتىن جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىغا چۈشۈپ قېلىشى، دېھقانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بارغانچە كۈچەيتىپ، ئاخىرقى ھېسابتا دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ يىقىلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.