يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە
2011.12.28
رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن سىچۈەن ئۆلكىسى داجۇ شەھىرىدىكى نەچچە يۈز دېھقان، داجۇ ئايروپورتىغا بارىدىغان يولنى توسۇۋېلىپ نامايىش قىلغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى داجۇ شەھىرى داشيەن بازىرىدىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرى «يەرگە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى دۆلەتتە» دېگەن قانۇنىي بەلگىلىمىگە ئاساسەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرلىشىشى بىلەن ئۆي-مۈلك شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىلگەن. ئەمما يەرلىرى سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن تىرىكچىلىك يولى ئۈزۈلگەن دېھقانلارغا ئەسلىدىكى توختامدا دېيىلگەن تۆلەم پۇلنىڭ بېرىلمەسلىكى دېھقانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن باشلانغان نامايىش چارشەنبە كۈنىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن ئەتىگەن تەخمىنەن 300دىن ئارتۇق ئامما ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن دېھقانلارنىڭ يېرىگە بېرىلىشكە تېگىشلىك تۆلەم پۇلنى تەلەپ قىلىپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالدىدىن ئۆتىدىغان داجۇ ئايروپورتىغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا ئورۇندۇقلارنى قويۇپ ئولتۇرۇۋالغان ھەمدە دېھقانلارغا تېگىشلىك تۆلەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب ئالمىغىچە يولنى بوشىتىپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بارغانچە كۆپىيىۋاتقان دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى دۆلەت قانۇنىدىكى «يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزمەيدىكەن، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئەھۋالى يەنە داۋاملىشىدىغانلىقى، نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈنۈگۈن27-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جيابائو ئىككى ھەپتە ئىلگىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن «ۋۇكەن كەنتى» ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى خالىغانچە ئىگىلىۋالماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىلشات ئەپەندى ئۆز بايانىدا ۋېن جياباۋنىڭ «دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋالماسلىق كېرەك» دېگەن سۆزى ھەققىدە توختىلىپ، «ھازىرقى خىتاي دۆلىتىدە دېھقانلارنىڭ يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغان، يېڭى قانۇننىڭ تۈزۈلۈشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھازىرقى خىتاينىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەك»لىكىنى تەكىتلىدى.
ئىككى كۈندىن بۇيان خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردىمۇ، خىتايدىكى دېھقانلارنىڭ يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىش مەسىلىسى ھەم ۋېن جياباۋنىڭ «دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى خالىغانچە ئىگىلىۋالماسلىق» دېگەن بۇيرۇقى ھەققىدە ئىنكاسلار كۆپەيدى.
«4-ئىيۇن روھى» تور بېكىتىدە يېزىلغان بىر ئىنكاستا، خىتايدا يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىرقى بىر پارتىيىلىك دۆلەت تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ، ھېقىقى دېموكراتىك تۈزۈم بەرپا قىلىش، دۆلەت يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق مەسىلىسىدە پۇقرالارنىڭ ئۆز زېمىنىغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ھېقىقى كاپالەتلىك قىلىدىغان، قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنى ماقۇللىشى كېرەكلىكى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا خىتايدا يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىپ ئاخىرقى ھېسابتا بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھازىرقى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.