'خىتاي دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولماقچىمۇ؟'

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ئا ب س خەۋەرلىرى تورىدا "خىتاي دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولماقچىمۇ" ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە يېقىندا خىتايدا نەشىردىن چىققان "جۇڭگونىڭ چۈشى" ناملىق كىتابنىڭ مەزمۇنىغا يەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ كىتابتا 21 - ئەسىرنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىگە سەھنە بولىدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ 21 - ئەسىرنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچى بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ ئا ب س خەۋەرلىرى تورىدا ئېلان قىلىنغان "خىتاي دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولماقچىمۇ" ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى چىتو رومانا يېقىندا خىتايدا نەشردىن چىققان "جۇڭگونىڭ چۈشى" كىتابنى تونۇشتۇرۇپ يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، كىتابتا " خىتاينىڭ 21 - ئەسىردىكى ئۇلۇغۋار نىشانى دۇنيانىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك كۈچى بولۇش" دەپ يېزىلغان. خىتاي خەلق ئارمىيىسىنىڭ پېشقەدەم پولكوۋنىكى ليۇمىڭفۇ تەرىپىدىن يېزىلغان مەزكۇر كىتابتا، "دۇنيانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرىنچى كۈچى بولۇش ئەسىرلەردىن بېرى خىتاينىڭ ئارزۇسى بولۇپ كەلگەن. ئۆتكەن 500 يىل جەريانىدا ئوخشىمىغان دۆلەتلەر دۇنياۋى چېمپىيون بولدى. مەسىلەن پورتۇگالىيە 16 - ئەسىردە، 18 - 19 - ئەسىرلەردە گوللاندىيە، ئەنگلىيە، 20 - ئەسىردە بولسا ئامېرىكا چېمپىيون بولدى. ئەمدى 21 - ئەسىردە خىتاي دۇنياۋى چېمپىيون بولۇپ ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ،" دەپ يېزىلغان.

بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ بۇنداق گەپلىرىنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر ماقالىدە دېيىلىشىچە، كىتابنىڭ ئاپتورى ليۇمىڭفو ئا ب س خەۋەرلىرىگە يازغان خېتىدە، "ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتايدىن چۆچۈشىنىڭ كېرىكى يوق. بىزنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ستراتېگىيىلىك رىقابىتىمىز ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك بىر رىقابەت بولىدۇ، بىز ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە چۈشمەيمىز،" دېگەن. ئەمما ماقالىنىڭ ئاپتورى چىتو رومانا ماقالىسىدە گەرچە خىتاي ئاپتور خېتىدە بۇنداق دېگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يازغان كىتابىدا، "ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش چىقىپ قالغان تەقدىردە ئامېرىكىغا يېڭىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن خىتاينىڭ تاپقان پۇلىغا ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئامېرىكا بىلەن تەڭ باراۋەر ھالەتكە كېلىشى كېرەك،" دەپ يازغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كىتاب ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلغان خىتاينىڭ خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جىن كەنروڭ بۇ كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلارنىڭ پەقەتلا ئاپتورنىڭ ئۆزىگە خاسلىقى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ۋە خىتاي لىدېرلىرىنىڭ كۆز قارىشى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە خىتاي لىدېرلىرىنىڭ يەنىلا دېڭشياۋپىڭغا ئوخشاش ئىچكى سىياسەتكە كۆپرەك مەركەزلىشىشتەك سىياسەتنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا خىتايدا كېيىنكى ۋاقىتلاردا "ئۆزىنى بىلەلمەيدىغان" مۇشۇنداق يازغۇچى، تەتقىقاتچىلارنىڭ چىقىپ قالغانلىقى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇشنىڭ خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈن تېخىمۇ زور زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.