ئىككىنچى قېتىملىق خىتاي - ھېندىستان ئۇرۇشى قاچان باشلىنىدۇ؟

8‏ - ئاينىڭ بېشىدا خىتاي - ھېندىستان ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 13 - قېتىملىق چېگرا سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىتاي ‏ - ھېندىستان مۇتەخەسسىسلىرى 28 يىلدىن بېرى ئېلپ بېرىلىۋاتقان چېگرا سۆھبىتىنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ نەتىجىلىك بولمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2009.09.02
Xitay-Hindistan-sohbiti-305.jpg ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻣﺎﻧﻤﻮﻫﺎﻥ ﺳﯩﻨﻎ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺩﺍﻱ ﺑﯩﯖﮕﻮ 2007 - ﻳﯩﻠﻰ 20 - ﺋﺎﭘﺮﯨﻠﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﺘﻪ.
AFP Photo

سۆھبەت ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي ھېندىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ 2012 ‏ - يىلى ھېندىستانغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان بولسا، خىتاينىڭ ھەربىيلىرىگە قاراشلىق تور بەتلىرى خىتاي - ھېندىستان مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مۇلاھىزە ماقالىلىرىگە تولۇپ كەتكەن.

بۇ مۇلاھىزە ماقالىلىرىدا، خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە تەرەققى قىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكى كۆز - كۆز قىلىنىپ، خىتاي ھازىرقى شارائىتتا ھەممە جەھەتلەردىن ھېندىستاندىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى تۇرىدىغانلىقى، شۇڭا خىتاي ئارمىيىسى ھېچ ئىككىلەنمەستىن ھېندىستاننىڭ ئەدىبىنى بېرىپ قويۇپ خىتاي مىللىتىنىڭ شان - شۆھرىتىنى نامايان قىلىشى كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنغان.

ھېندىستان يەنە 300 يىل مۈستەملىكە بولۇشى مۇمكىن

لۇڭ كەيفىڭ قەلىمى ئاستىدىكى بىر ماقالىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ھېندىستانغا نىسپەتەن ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت 3 چوڭ دۆلەتنىڭ ئارىسدا جان باقماق ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس، قانداق قىلىش كېرەك، مەن ھېندىستانلىقلارغا بىر يول كۆرسىتەي: ھېندىستانلىقلارنىڭ يەنىلا خىتاي بىلەن ئەپ ئۆتكىنى ياخشى. ئەگەر ھېندىستان ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا قارشى تۇرسا، ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقان بولىدۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ھېندىستان زىيان تارتىپ تىبەتنىڭ جەنۇبىدىكى زېمىن مەسىلىسى بىلەن دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ، يېڭىباشتىن مۈستەملىكە دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. يەنىلا ھېندىستان خىتاي بىلەن ئەپ ئۆتكىنى، زېمىن مەسىلىسىدىكى تالاش - تارتىشنى چىرايلىقچە ھەل قىلىش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. مىنىڭ قارىشىمچە، ھېندىستان ‏ - خىتاي ئارىسىدا چېگرا توقۇنۇشىنىڭ بولۇشى ئېنىق. ئەمما ھېندىستان يەنىلا 62 - يىلىدىكى يولىدا ماڭىمەن دەيدىكەن، ئۇنداقتا ھېندىستان چوڭ بالا ‏ - قازاغا قالىدۇ، بەلكىم كەلگۈسىدە ھېندىستان دېگەن دۆلەتمۇ مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇ قايتىدىن 300 يىل مۈستەملىكە دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.

خىتاي ھېندىستان باشقۇرىشىدىكى كەشمىرگە ھۇجۇم قىلىپ، ھېندىستاننى تىبەتنىڭ جەنۇبىنى بىرىشكە قىستاش كېرەك

زېڭ داجاڭ قەلىمىدىكى بىر ماقلىدە ئاپتور مۇنداق دەپ يازىدۇ: كەشمىر تارىختا خىتاينىڭ زېمىنى ئىدى. خىتاينىڭ كەشمىردىن زېمىن دەۋاسى قىلىش ھەققى بار. پاكىستان ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ ھېندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرگە ھۇجۇم قىلىش، بىۋاستە تىبەت رايونىدا ئىككىنچى قېتىم ھېندىستان ‏ - خىتاي ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشتىن كۆپ ياخشى. بۇنىڭدىكى مەقسەت ھېندىستان كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر ھېندىستان تىبەتنىڭ جەنۇبىدىكى 11100 كۇادىرات كىلومېتىرلىق زېمىننى خىتاينىڭ زېمىنى دەپ ئىتىراپ قىلىپ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە، خىتاي ھېندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردىن ئەسكەر چىكىندۈرىدۇ.

ئەگەر بۇ شەرتكە ھېندىستان قوشۇلمىسا، ھېندىستان كونتروللۇقىدىكى 11400 كۋادىرات كىلومېرىتلىق زېمىننىڭ 2400 كۋادىرات كلومېتىر زېمىنى پاكىستانغا بىرىۋېتىپ، قالغان يېرىنى خىتاي ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋېلىپ، كەشمىردىكى ئاھالىلەرنى شىنجاڭغا كۆچۈرۋېتىپ، كەشمىرگە پۈتۈنلەي خىتايلارنى يۈتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بۇنى ئالدى بىلەن پاكىستانغا ئىتراپ قىلدۇرۇش كېرەك.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ :ھېندىستان بىر ئېمپېرىيالىست دۆلەت،ئۇنىڭ مەقسىتى ئىككىنچى قېتىملىق ھېندىستان - خىتاي ئۇرۇشىنى پەيدا قىلىپ تىبەتنى يۇتۇۋېلىشتۇر. ھېندىستان ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇپ خىتاي چېگراسىغا داۋاملىق ئەسكەر توپلاۋاتىدۇ. ھازىر ھېندىستان ئارمىيىسىنىڭ زور كۆپچىلىكى پاكىستان چېگرىسىدا بولماستىن، بەلكى خىتاي چېگرىسىغا جايلاشقاندۇر. ھېندىستاننىڭ ھازىرقى ھەربىي تەييارلىقلىرىدىن قارىغاندا 2018 - يىلغا بارغاندا ھېندىستاننىڭ خىتايغا ھوجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى زور، شۇڭا خىتاي مۇشۇ 10 يىل ئىچىدە خىتاي ‏ - ھېندىستان چېگرىسىغا جايلاشتۇرىدىغان ھەربىي قوشۇنىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشى لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا بىز ھېندىستان ئېمپېرالىزم ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ھېندىستان خەلقىنى ئازاد قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ چاغدا ھېندىستان ھازىرقى بىر دۆلەت ھالىتىدە قېلىشىمۇ ياكى بىر قانچە ئون دۆلەتكە پارچىلىنىپ كىتىشىمۇ مۇمكىن، بۇنى ھېندىستاندىكى خەلقلەر ئاۋازغا قويۇپ ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

ھېندىستان ئاساسىي قانۇنىدا ھازىر 18 مىللەتنىڭ تىلى ھېندىستان دۆلەت تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن، ھېندىستان پۇلىنىڭ ئۈستىدىمۇ مۇشۇ 18مىللەتنىڭ يېزىقى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېندىستاندا ھەر خىل دىن مەۋجۇت، ئىقتىساسى تەرەققىياتمۇ تەكشى ئەمەس، بۇ خىل ئەھۋالدا ھېندىستاندا بىراقلا ئون نەچچە دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىئىي بىر ئەھۋال.

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسپىتى 3%دىن تۆۋەن بولغاندا خىتاي ئۇرۇش قوزغاش ھالتىگە ئۆتىدۇ

"تۆمۈرقان" دېگەن تور بەتتە ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئاپتور مۇنداق دەپ يازىدۇ: ھازىر خىتاي خۇددى ئالتۇن كان تېپىۋېلىپ، ئۇنى جان - جەھلى بىلەن قېزىۋاتقان بىر نامراتقا ئوخشايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا بۇ نامراتنىڭ قولىدىكى گۈرجەكنى تاشلاپ ئورنىغا قورال ئېلىشى ناھايىتى قىيىن. ھازىرقى خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يەنە 20 يىلغىچە ئىزچىل تەرەققى قىلىش ئۈمىدى باردەك قىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، خىتاي دۇنيادا ئامېرىكىدىنمۇ قۇدرەتلىك ئىقتىسادى كۈچكە ئىگە بىر چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ چاغدا ھېندىستان بىلەن بولغان چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلشمۇ ئاسانغا چۈشىدۇ. ئەگەر خىتاي ئىقتىسادى ئاجىزلاپ ئۈسۈش نىسپىتى 3%دىن تۆۋەنلەپ كەتسە، ئۇ چاغدا يەنىلا تىنچلىق بىلەن تەرەققى قىلىش يولىنى تۇتۇشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى قالمايدۇ. ئۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادى ئۈسۈش يارىتىش كېرەك. بۇ تالاش - تارتىشتىكى چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسىدۇر. بۇ خىتاينىڭ قۇدرەتلىك كۈچ سۈپىتىدە دۇنياغا تۇنۇلىدىغان ئەڭ ياخشى پۈرسىتىدۇر.

ماۋزىدۇڭ: "بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق 30 يىللىق تىنچلىققا ئېرىشىمىز"

"تۈمۈرقان "ناملىق تور بەتتە ئىلان قىلىنغان بۇ قېتىمقى "ھېندىستان ئۇرۇشىنى قانداق ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك" دېگەن ماقالىدە ئاپتور مۇنداق دەپ يازىدۇ: 62 - يىلىدىكى ھېندىستان - خىتاي ئۇرۇشىدا ماۋزىدۇڭ "بىز بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق 30 يىللىق تىنچلىققا ئېرىشىمىز" دېگەن ئىدى. ھازىر بۇ ئۇرۇش بولغىلىمۇ 47 يىل بولدى. ھازىر يۈز بىرىۋاتقان بەزى ئىشلار ئۇلۇقلىرىمىز پەرەز قىلىغاندەك بولۇۋاتىدۇ، ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى ھېندىستان ئۇرۇشىنى قانداق ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك؟

ئاپتور ماقالىسىدە ھېندىستان بىلەن خىتاينىڭ 62 - يىلىدىكى دۆلەت كۈچى بىلەن ھازىرقى ئىقتىساد، ھەربىي ۋە دۆلەت ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى ھېندىستان ئۇرۇشى پارتلىغاندا، ھەربىي جەھەتتە قانداق تاكتىكا ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ۋە ھېندىستاننى بۇ ئۇرۇشقا قانداق سۆرەپ كىرىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.