گېرمانىيىدە 11 مىڭ ئوقۇغۇچى خىتاينىڭ مېۋىسىنى يەپ زەھەرلەندى

خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن بۆلدۈرگەن شەرقىي گېرمانىيىدىكى 11 مىڭ ئوقۇغۇچىنى زەھەرلىدى. گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنى خىتاي ماللىرىغا بولغان غەزەپ چۇقانلىرى قاپلىدى.

0:00 / 0:00

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۈگۈنگە قەدەر خىتايدىن كىرگەن زەھەرلىك بۆلدۈرگەن كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەلگە ئائىت خەۋەرلەرنىڭ سانى 3 مىليون 150 مىڭ پارچىغا يەتتى. يالغۇز گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىلا ئەمەس، پۈتۈن ياۋروپا ئاخبارات ساھەسىدە بۇ مەسىلە جىددىي دىققەتنى چەككەن زور ۋەقە سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىندى ۋە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرگە سەۋەب بولدى.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ شەرقىي گېرمانىيىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەن. 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەنلەرنىڭ سانى 11 مىڭ نەپەردىن ئاشقان. تاماقتىن زەھەرلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ، ياندۇرۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن. گېرمانىيە سەھىيە تارماقلىرى ناھايىتى كۆپ كۈچ ئاجرىتىپ، 700 خىلدىن ئارتۇق يېمەكلىك ئۈستىدە جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئاخىرى، بۇ زەھەرلىنىشنى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن بۆلدۈرگەن كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېنىقلىغان.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ چىڭداۋ دېڭىز پورتىدىن گېرمانىيىگە كىرگەن 44 توننا بۆلدۈرگەن بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شېخىدىن ئۈزۈلۈپ، چىڭداۋغا توپلانغان. چىڭداۋدىكى بىر خىتاي شىركىتى بۇ بۆلدۈرگەنلەرنى ئوراپ، قاچىلاپ، بىر ئاي توڭلىتىپ، 7-ئاينىڭ ئاخىرى دېڭىز ئارقىلىق گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ پورتىغا ئېلىپ كەلگەن. گېرمانىيىدە مەكتەپلەرنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدىغان سودېخو ناملىق بىر شىركەت بۇ بۆلدۈرگەنلەرنى شەرقىي گېرمانىيىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە توپ تارقاتقان. ئۈزۈشتىن ئىستېمال قىلىشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت توڭلىتىلىشى مېۋىنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭدا زەھەرلىك خۇسۇسىيەت پەيدا قىلغان.

خەلقنىڭ نارازىلىقى سودېخو يېمەكلىك شىركىتىنىڭ ئەپۇ سورىشى بىلەن بېسىقمىدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ توغرىسىدا بەس-مۇنازىرىلەر قانات يايماقتا. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 8-دېكابىر كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن تاۋارلار، بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى 11 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زەھەرلىك بۆلدۈرگەن گېرمانىيە تاموژنىسىدا يېتەرلىك دەرىجىدىكى جىددىي تەكشۈرۈشتىن، ئانالىزدىن ئۆتمىگەن. بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تاموژنا تەرەپمۇ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيىدە نەشردىن چىقىدىغان سۈرەتلەر گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ زەھەرلىك بۆلدۈرگەن ۋەقەسى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ خىتاي ماللىرىغا بولغان نازارەت ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئاخباراتىدا 8-ئۆكتەبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، گېرمانىيە ئوقۇغۇچىلىرى بۇندىن كېيىن گېرمانىيىنىڭ ئۆزىدە ئۆستۈرۈلگەن ساپ يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشى، چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. بولۇپمۇ خىتاي يېمەكلىكلىرىدىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم.

11 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايدىن كىرگەن بۆلدۈرگەندە زەھەرلىنىشى گېرمانىيە پۇقرالىرى ئارىسىدا قاتتىق زىلزىلە پەيدا قىلدى. ئەزەلدىن خىتاي تاۋارلىرىغا ئىشەنمەيدىغان گېرمانلار ئۆز ھۆكۈمىتىنى مەسئۇلىيەتسىزلىكتە ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ پۇل ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدىغان رەزىللىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، خىتايدا بۇندىن ئىلگىرى سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىش، بالىلار ئويۇنچۇقىدىن زەھەرلىنىشتەك ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى يەرگە ئۇرغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى بۆلدۈرگەندىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىنىڭ غەربتە خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرەتنى يەنە بىر بالداق ئۆرلەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.