خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە چىقارغان 'مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى'نىڭ قاراتمىلىقى تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا يەرلىك قانۇن چىقىرىپ، "بۆلگۈنچىلىك" كە كۈشكۈرتىدىغان گەپ ‏- سۆزلەرنى قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بېكىتىپلا قالماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ ‏- سۆزلەرنى قىلغۇچى، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى يىغقۇچىلار ۋە تارقاتقۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-01-04
Share
Xitay-saqchiliri-puqraliri-birge-Uyghurgha-hujum-305.jpg Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﯧﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻛﺎﻟﺘﻪﻙ - ﭼﻮﻣﺎﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯧﻠﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﻩﻫﺸﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر، مەزكۇر قانۇندا سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەكلەنگەنلىكىنى، قانۇننىڭ ئۇيغۈرلارغا قاراتمىلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتى يېڭى يىل ھارپىسىدا يەنى 30 ‏- دېكابىر كۈنى ماقۇللىغان "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نىزامى"بۇ يىل 2 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. مەزكۇر قانۇن ھازىرغا قەدەر خىتايدا چىقىرىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تۇنجى يەرلىك قانۇندۇر.

مەزكۇر قانۇن خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئانالىزچىلار ئارىسىدا تۈرلۈك پىكىر، ئىختىلاپلارنى قوزغىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر قانۇن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۆرلۈك ھۇجۇم ۋە مىللىي كەمسىتىشنى تورمۇزلاش رولى ئوينىشىنى ئۈمىد قىلسا، يەنە بەزى ئانالىزچىلار بۇ قانۇننىڭ قاراتمىلىقىنى تەنقىد قىلدى. بۇ قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەر، مەزكۇر قانۇننىڭ ئوبىكتى ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قارىتىلغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى قانۇنىي دەسمايە بىلەن تەمىنلەپ، ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا باستۇرۇشنىڭ يولىنى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بېيجىڭ يەر شارى قانۇن شىركىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جياڭ تيەنيۇڭ ئەپەندى، مەزكۇر قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك ھۇجۇم ۋە مىللىي كەمسىتىش ھەرىكەتلىرىنى تورمۇزلاش رولى ئوينىشىنى ئۈمىد قىلغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، "نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئىجابىي بىر تەرىپى بولۇش ئېھتىمالى بار. مەسىلەن، بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ شۇنداقلا شىنجاڭدا پۇقرالار ئارىسىدا ئېھتىماللىقى مەۋجۈت بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى، بولۇپمۇ مەملىكەت ئىچىدە ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۈت بولغان باشقا مىللەتلەرنىڭ جۈملىدىن خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قارىلاش، ھەتتا سۆز - ھەرىكەتلەردىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكنى تورمۇزلاش رولىنى ئويناش مۇمكىنچىلىكى بار، دەپ ئويلايمەن. بۇ نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ياخشى ئىش بولۇشى مۇمكىن. بىز 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن تور ۋە خۇسۇسى سۆھبەتلەردىن ئۇيغۇرلارغا قارشى سۆز ‏- ھەرىكەت ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلىمىز. بىز تور بەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش، ئۇلارنى قىرىپ تاشلاش توغرىسىدىكى چاپلانمىلارغا دىققەت قىلغان بولۇشىمىز مۇمكىن. ئۇيغۇرلارغا بولغان بۇ ئۆچمەنلىك كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر خائىشتۇر. بۇ تۈرلۇك بىر قانۇننىڭ چىقىرىلىشى مەلۇم ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن" دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن، مەزكۇر قانۇننىڭ كونكرېت تەپسىلاتى ۋە تېكىستى جەمئىيەتكە مەلۇم ئەمەس. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نىزامى" نىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ قانۇندا "ھەر قانداق شەخس ۋە ئورگاننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ - سۆزلەرنى تارقىتىش، يىغىش، تەمىنلەش، بېسىش، ئېلان قىلىشقا ياكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشقا يول قويۇلمايدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى ئورگانى - دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى بولسا مەزكۇر قانۇندا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بوغۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قانۇنغا تايىنىپ، 5" ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئىمىرباقى 30 ‏- دېكابىر كۈنى مەزكۇر قانۇن توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى"نىڭ "چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى "3 خىل كۈچلەر"نىڭ ئۈزلۈكسىز مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ھەرىكىتىگە قارىتىلغانلىقى"نى، بۇ قانۇننىڭ "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجىتمائىي مۇقىملۇقنى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئىھتىياجىنى چىقىش قىلغانلىقى"نى تەكىتلىگەن ئىدى.

بېيجىڭ يەر شارى قانۇن شىركىتىدىكى جياڭ تيەنيۇڭ ئەپەندى، مەزكۇر قانۇن ماددىسى خىتاي ج خ ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قالايمىقان قوللىنىپ، پۇقرالار ھوقۇقىغا دەخلى ‏- تەرۇز قىلىشىدىكى دەستۇر بولۇپ قالماسلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ئەندىشە بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :لېكىن مېنىڭ ئۆزەمنىڭ بەزى ئەندىشىلىرىم بار. كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، سۆز ئەركىنلىكى ئومۇمىلىققا ئىگە بولغان خەلقئارا ئورتاق قىممەت قارىشىدۇر. بولۇپمۇ جۇڭگودا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ئۆچمەنلىككە كۈشكۈرتۈش دېگەن بۇ ئۇقۇم ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك ۋە قاراتمىلىققا ئىگە. شۇڭا بۇ پۇقرالارنى خالىغانچە جازالايدىغان بىر قورال بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. مەن بۇ قانۇننىڭ ئەسلى تېكىستىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئەگەر بۇ قانۇندا ئۇنى قانداق ئىشلىتىشكە ئائىت ئىنچىكە بەلگىلىمە بولمىسا، بۇ قانۇننىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى جۈملىدىن ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن پۇقرالارغا قارشى قالايمىقان ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقى بار."

يەنە بەزى ئانالىزچىلار، خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئۆزىدە ئىغۋاگەرچىلىك، بۆلگۈنچىلىك ۋە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاشقا قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى ماددىلارنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا يۇقىرىقى قانۇننى چىقىرىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى دىلشات رىشىت بولسا، بۇ قانۇن ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بەزى ئانالىزچىلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئىلىدىكى مەۋجۈت مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، ئىقتىسادى سىياسەت ۋە سىياسى تۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغاندىلا، ۋەزىيەتتىكى جىددىيلىكنى پەسەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

بېيجىڭ يەر شارى قانۇن شىركىتىدىكى جياڭ تيەنيۇڭ، مەلۇم بىر مىللەت ياكى گۇرۇھنى نىشان قىلغان قاراتمىلىققا ئىگە قانۇن - نىزام مەسىلىنى ھەل قىلماي بەلكى زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "ئەگەر بۇ ئىغۋاگەرچى كۈچلەرگە قارىتىلماي ئومۇمىيلىققا ئىگە قانۇن بولغان بولسا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتنى تونۇشىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك ۋە خەنزۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى توساپلا قالماي، ئوخشاشلا خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى چەكلىشى، جۈملىدىن بۇ ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزى قىلمىشلارنى چەكلىشى كېرەك ئىدى. مېنىڭچە، مەلۇم بىر مىللەتكە قارىتىلمىغان، ئومۇمىيلىققا ئىگە بىر قانۇن چىقىرىلسا، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بۇنىڭ مەلۇم ئەھمىيىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ مەلۇم بىر مىللەتكە زەربە بېرىشكە قارىتىلسا، تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بار"، دەيدۇ.

ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، رايوندىكى مىللىي مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىدىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق بىشارىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىغا "ياردەمگە چىققان" بېيجىڭ، چۇڭچىڭ ۋە تيەنجىنلىك خىتاي ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنى قوبۇل قىلىپ، "شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە ئۆتكۈرلۈكى"نى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (1)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

Anonymous says:
Jan 05, 2010 01:58 AM

ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﮔﻪﭖ-ﺳﯚﺯ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﺴﻪ. ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ، ﺋﯩﺸﻘﺎ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯘ؟
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﯬﻣﻪﺳﻤﯘ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت