خىتاينىڭ ئولىمپىكتىن كېيىنكى يۇمشاش ئالامەتلىرى
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.11.04
2008.11.04
بۇ سەۋەبلىك خەلقئارا جامائەت خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئولىمپىكتىن كېيىنكى بايانات ۋە چاقىرىقلىرىنى ئىنچىكە كۆزەتمەكتە. ئولىمپىكتىن كېيىنكى مۇھىم باياناتلاردىن بىرى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ سۈت پاراشۇكى مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتنى ھۆكۈمەتتە دەپ كۆرسىتىشىدۇر. دىققەتكە سازاۋەر چاقىرىقلاردىن بىرى بولسا، خىتاي ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇنىڭ ساقچىلارنى يۇمشاق قول بولۇشقا چاقىرىشىدۇر.
مىنىستىر Meng jianzhu ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ئىجتىمائىي ئىسيانلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ساقچىلارنىڭ ئېغىر بېسىق بولۇشىنى، قورال ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشىنى، ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئادەم يارىلاندۇرۇش ۋەقەلىرىدىن ساقلىنىشىنى ئالاھىدە تەۋىسىيە قىلغان. ساقچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋەقەنى ئۇلغايتىش ئەمەس، ۋەقەنى كىچىكلىتىش ۋە پەسەيتىش دەپ كۆرسەتكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مېڭ جيەنجۇنىڭ بۇ چاقىرىقىنىڭ قانچىلىك ئەمەلىي رول ئوينايدىغانلىقى ئايرىم مەسىلە، ئەمما ج خ مىنىستىرىنىڭ ئاشكارا ھالدا ساقچىلاردىن يۇمشاق قوللۇقنى تەلەپ قىلىشى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت ئەنئەنىسىگە نىسبەتەن بىر يېڭىلىق دەپ قارالماقتا.
رويترېس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاينى بۇ يىل 6 - ئايدا يۈز بەرگەن ۋېڭئەن ۋەقەسى قاتارلىق زور ۋەقەلەردىن ساۋاق ئالماقتا دەپ يازدى ھەم يەنە خىتاينىڭ بۇرنى بۇندىن كېيىن يۈز بەرگۈسى ئىسيانلارنى پۇراۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتتى. مېڭ جيەنجۇ مەزكۇر چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى تۈنۈگۈن خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە تاكسىچىلار نامايىشى يۈز بەردى. نامايىشنىڭ ئارقىسىدا شىددەت ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ، 30دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇۋېتىلدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ھازىرغا قەدەر سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلار بولمىغان. تاكسىچىلارنىڭ نامايىشى بۈگۈنمۇ داۋام قىلماقتا. يەنە بۈگۈن خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە پويىز ئىشچىلىرى بىلەن دېھقانلار ئارىسىدا توقۇنۇش چىققان.
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جيا باۋمۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، بۇندىن كېيىن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئاستىلاشنىڭ تەسىرى ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقىدا تەۋرىنىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىنىستىر مېڭ جيەنجۇ بولسا، يوقىرىقى ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېگەن: " ئىقتىسادىي ئامىللار ۋە ئىنتېرنېت سەۋەبلىك، پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە قارىتا سەزگۈرلۈكى كۈچەيدى. شۇڭا بىز يالغۇز دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىكىنى كۆزلەپلا قالماي، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنىمۇ قوغدىشىمىز كېرەك."
رويترېس ئاگېنتلىقى مېڭ جيەنجۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇشىدىكى ئىجابىي قەدەم دەپ كۆرسىتىدۇ. مېڭ جيەنجۇ مەزكۇر ماقالىسىنىڭ ئارقىسىدا، قانۇنسىز مەبلەغ سېلىش، قانۇنسىز بازار ئېچىش، يەر ئاستى بانكا قۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي جىنايەتلەر، ئىجتىمائىي ئىسيانلارغا ئوت تۇتاشتۇرۇۋاتقان ئامىللار دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى، ئۆتكەن ھەپتىدە شاڭخەيدە قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ 2020 - يىلى دېموكراتىيىگە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
باش مىنىستىر ۋېن جيا باۋ بىلەن ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇنىڭ سۆزلىرى، خىتاينىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئولىمپىكتىن كېيىنكى يۇمشاش پوزىتسىيىسى دەپ قارالماقتا. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەت بولسا ئەكسى يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە.
ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ئەيىبلىمىلىرى، جازالاش تەدبىرلىرى ئىزچىل كۈچەيمەكتە: ۋاڭ لېچۈەننىڭ 3 خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەشنى ھايات - ماماتلىق كۈرەش دەپ ئاتىشى، نۇر بەكرىنىڭ دىنىي ساھەنى 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنىڭ ئالدىنقى سېپى دەپ كۆرسىتىشى، خىتاي خەلقىغە نېسىپ بولۇۋاتقان ئولىمپىكتىن كېيىنكى يۇمشاش شامىلىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئالدىراپ يېتىپ كەلمەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.