خىتاينىڭ پاكىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزۇش پىلانى بارلىقىغا دائىر خەۋەرلەر خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە نىسبەتەن يېڭى ئۇچۇر ئەمەس. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردا خىتاينىڭ پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرگە قۇرۇلۇش قىسىملىرىنى كىرگۈزۈپ، پاكىستان بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغانلىقى، پاكىستاننىڭ بولسا خىتاينى بالۇچىستاندا دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقى مەلۇم. پاكىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى ئاشكارىلىغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، پاكىستان باش مىنىستىرى يۈسۈپ گىلانى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەخمىدى مۇختەرنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتايدىن پاكىستاننىڭ ئەرەب دېڭىزى ساھىلىدىكى گۋادار پورتىدا ھەربىي بازا قۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
لېكىن خوڭكوڭدىن چىقىدىغان « ئاسىيا ۋاقتى» ژۇرنىلىدا تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا پاكىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، پاكىستان خىتاينىڭ گۋادار پورتىدا ھەربىي بازا قۇرۇشىنى ئارزۇ قىلسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ گۋادار پورتىغا ئەمەس، بەلكى پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چېگرىداش فېدېراتسىيە قەبىلىلەر رايونى ۋە ياكى فېدېراتسىيە شىمالى رايوندا ھەربىي بازا قۇرۇشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدا، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ئۆز ئارا زىيارەت ۋە سۆھبەتلىرىدە بۇ مەسىلە مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ئىسلامئاباد ئەتراپىدىكى بىر داچىغا ھۇجۇم قىلىپ، داچىدىكى ئەل-قائىدە رەھبىرى ئوساما بىن لادىننى ئۆلتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ، پاكىستان خىتايغا يېقىنلىشىشقا باشلىغان ۋە پاكىستان-خىتاي ھەمكارلىقى كۈچەيگەن. ئۇ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان تۈرلۈك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنئى ئېلان قىلغان ئىدى.
«ئاسىيا ۋاقتى» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدا، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىنا رابانى خار، پرېزىدېنت زەردارى ۋە پاكىستان مۈشتەرەك ئىستىخبارات مۇدىرىيىتىنىڭ مەسئۇلى گېنېرال ئەخمەد شۇجاھ پاشىنىڭ، يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارىتى بۇ مەسىلىگە چېتىلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئامېرىكا تالىبانلارغا پاكىستاندا قارشى تۇرغانغا ئوخشاش، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە ئۇنىڭ پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى بازىسىدا قارشى تۇرۇلسا، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەر بولسا خىتاينىڭ ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە تاقابىل تۇرۇشنى چىقىش قىلغان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر پىلاننىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە قارشى تۇرۇش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ھاجىتۆپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە توختالدى.
لېكىن، خىتاي پاكىستان ياكى جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قانداق بىر يەردە ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى بارلىقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلدى. بۇ يىل 6-ئايدا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىياڭ گۇاڭليې، 10-نۆۋەتلىك ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان ياكى سىرلانكىدا دېڭىز ئارمىيە پورتى قۇرۇش پىلانى بارلىقىنى رەت قىلغان. ئۇ بۇنداق بىر پىلاننى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لىياڭ گۇاڭليې ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى بارلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدا، «بىزنىڭ چەتئەلگە قوشۇن ئەۋەتىپ باقمىغانلىقىمىزغا قاراپ، بىزنى چەتئەلدە ھەربىي بازا قۇرمايدۇ، دېيىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقتۇر» دېيىلگەن. شۇنداقلا يەنە، «بىز دۆلەت ئىچىدە ۋە قوشنا ئەللەردە يوشۇرۇن دۈشمەنگە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ھازىرلىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلەنگەن ئىدى.
ئانالىزچىلار پاكىستاننىڭ خىتاينى گۋادار پورتىدا ھەربىي بازا قۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشى، ئامېرىكا ۋە ھىندىستانغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. گەرچە پاكىستاننىڭ يېقىندىن بۇيان ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىر ئاز يۇمشاپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئامېرىكا پاكىستاننىڭ ھەققانىي گۇرۇھى قاتارلىق تالىبان كۈچلىرىنى كوزىر قىلىپ قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى دەيۋىت پېترىيوس قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئۆمىكى پاكىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئىسلامئاباد دائىرىلىرىگە ئەگەر پاكىستان تالىبانلارنى ئامېرىكىغا قارشى داۋاملىق كوزىر قىلىپ قوللانسا، ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئەركىن ئەكرەم، خىتاي پاكىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇپ، قوشۇن تۇرغۇزسا، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەرنى بىئارام قىلىپ ئۇلارنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، پاكىستان قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمى ۋە ئامېرىكا ئادەمسىز رازۋېدكا ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ كۈچى خېلى خورىغان. بۇ يىل ئۆكتەبىردە پاكىستان قىسىملىرىنىڭ شىمالىي ۋەزىرىستانغا ھۇجۇم قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ھەسەن مەخسۇمنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە 10 يىل بولدى. ھەسەن مەخسۇمدىن كېيىن مەزكۇر تەشكىلاتقا ئابدۇلھەق ئەل-تۈركىستانى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان مەمتىمىن مەمەت رەھبەرلىك قىلغان ئىدى. بىراق 2010-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكا ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەن. تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتتىكى رەھبىرى ئابدۇشۈكۈر داموللا بولسا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا يۈز بەرگەن قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى» گە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
لېكىن يەنە بەزى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ پاكىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا ئاشكارا يول قويۇش پاكىستان ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتىكى قۇلايسىز مەسىلە ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇ بىرىنچى قەدەمدە بېيجىڭنىڭ ھەربىي بازا قۇرۇشىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ پاكىستان ھەربىي بازىلىرىنى قوللىنىپ، ت ئى پ گە قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.