خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي تۆمۈر يول شىركىتى مەسئۇلىنىڭ رېيتىر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مۇقەددەس جايلاردا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان تۆمۈر يول شىركىتى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراش ئالدىدا ئىكەن. نەق زىياننىڭ 4 مىليارد 15 مىليون يۈئەندىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ رەقەم 623 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ ئىكەن. خىتاي تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مۇقەددەس جايلاردىكى تۆمۈر يول خىزمىتىنىڭ چىقىمى دەسلەپ كېلىشىم تۈزۈشكەن ۋاقىتتىكىدىن ئېشىپ كەتكەن. تۆمۈر يولنىڭ پۈتۈپ بولغان قىسمى بۇ يىل 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى رەسمىي ئىشقا چۈشىدىكەن."
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان "ئەل ۋەتەن" گېزىتىنىڭ 2010 - يىلى25 - ئۆكتەبىر سانىدا بىلدۈرۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى يېزا - شەھەر ئىشلىرى مىنىستىرى مەنسۇر ئىبنى مۇتئىب خىتاي تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە خىتاينىڭ تارتقان زىيانلىرى توغرىلىق بۇ يىل ھەج پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سۆزلىشىشكە كېلىشكەن.
مەلۇمكى، خىتاينىڭ تۆمۈر يول شىركىتى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە، مىنا، ئەرەفات ۋە مۇزدەلىفە قاتارلىق جايلىرىنىڭ ئارىسىدا تۆمۈر يول ياساش ئىشىنى ئۈچ يىللىق پىلان بىلەن بىر مىليارد 83 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كېلىشىپ ئۈستىگە ئالغان ۋە 2009 - يىلى يانۋار ئېيىدا باشلىغان بولۇپ، 2011 - يىلى پۈتۈپ چىقىشى پىلانلانغان ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.