ئۇيغۇر زىيالىيلار: «خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى رولىغا سەل قارىماسلىق كېرەك!!!»
2011.12.19

دىكابىرنىڭ بېشىىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ۋە شۇنداقلا شەخسلەرنىڭ تور بەتلىرىگە «ئىككى خىل كىيىم مودېل كۆرگەزمىسى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى» ناملىق بىر سۈرەتلىك خەۋەر چاپلىنىپ ئۇيغۇرلار ئىچىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، دائىرىلەر تەرىپىدىن 7-دېكابىردىن ئېتىبارەن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلانغان ئىدى. بىز باي ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش يۈز كۈنلۈك قاراتمىلىق ھەرىكەت داۋامىدا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئىگىلىدۇق ۋە ئىككى خىل كىيىم مودېل كۆرگەزمىسى ئارقىلىق چۈمبەل ئاتقان ئاياللارنى قامچىلاش ھەرىكىتىنىڭ، بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلغان قۇربان سايىم يازغاندەك قارشى ئېلىنغان بولماستىن، بەلكى دائىرىلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى، ئاياللار ھەق-ھوقۇقلىرى، دىنىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان بۇ ھەرىكىتىنىڭ خەلقنىڭ غەزىپىنى، نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن يەنە، خەۋەر ئاپتورى قۇربان سايىمنى زىيارەت قىلغان ئىدۇق، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاكتىپ تەشۋىقاتچىسى ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن ۋە ئاخىرى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب تاپالمىغاندا، «يېزىمىزنىڭ سىياسىتى باشقا جايلاردىن پەرقلىنىدۇ» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىق ئەخلاقىغا يات يازمىلىرىنى ئاقلىغان ئىدى.
مەزكۇر مەلۇماتلار رادىئومىزدا ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئاخباراتچى ۋە يازغۇچى زىيالىيلار ئارىسىدا مۇلاھىزە قوزغىدى، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئىلگىرى ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن ئامانگۈل خانىم، قۇربان سايىمغا ئوخشاش مۇخبىر ئاتالغان تەشۋىقاتچىلارنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەتبۇئات -ئاخبارات ساھەسىنى تەشۋىقات ساھەسىگە ئايلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ئۈچۈن ئاخبارات پرىنسىپى ۋە ئىنسانىي ۋە كەسپىي ئەخلاققا يات خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېچىپ كۆرسەتتى.
دەرۋەقە، بىز قۇربان سايىمنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆرگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور ئابونتلىرى ۋە بەزى تور باشقۇرغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمىزدە، قۇربان سايىمنىڭ «سايرامدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى خىل كىيىم مودېل كۆرگەزمىسى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى» دەپ يازغان خەۋىرىدە تەشۋىق قىلىنغان، ئىنسان ھەقلىرى، ئاياللار ھەق-ھوقوقلىرى دەپسەندە قىلىنغان، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھەم مىللىي ئەخلاقىغا خىلاپ بىر ھەرىكەتنىڭ ئۇلاردا ھېچقانداق غەلىتىلىك ھېس قىلدۇرمايلا قالماي، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئاپتورنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ئۇلارنى قايىل قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.
كانادادا تۇرۇشلۇق شائىر تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېغىدىلا قۇربان سايىمنى تونۇيدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۈچۈن جان دىل خىزمەت قىلىدىغان بۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان يامان تەسىرلىرىگە سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.