خىتايدا كۈنىگە 500 قېتىم زور كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرمەكتە

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتايدا كۈنىگە 500 قېتىمدىن ئارتۇق زور كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرمىز ئەكرەم
2011.07.28
germaniye-myunxenda-namayish-xoten-weqesi-305.jpg 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 26-ئىيۇل. ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

باش شتابى گېرمانىيىنىڭ گۆتتىنگېن شەھىرىگە جايلاشقان خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلغان ئاخباراتىنىڭ ماۋزۇسى «تىبەتتە يېڭى تۇتقۇن، خىتايدا كۈنىگە 500 قېتىم چوڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرمەكتە» دەپ ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇمچە باش تېمىسى «ۋېن جياباۋنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تىنچىتىش ئارزۇسى قۇرۇق خىيالدىن ئىبارەت» دەپ يېزىلغان.

ulrik-deliyus-duq-rehberliri-bilen-385.jpg
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن دېلىيۇس ئەپەندى 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا د ئۇ ق مەسئۇللىرى بىلەن. 2011-يىلى 26-ئىيۇل. ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

مەزكۇر ئاخبارات گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە مۇنداق خىتاب قىلىش بىلەن باشلانغان: «ئەگەر گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋېن جياباۋنى پەقەتلا خىتاي سەنئەتكارى ئەي ۋېي ۋېينى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىش بىلەنلا چەكلەنسە، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئاپەت خاراكتېرلىك ھالەتكە يەتكەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە توغرا مۇئامىلە قىلغان بولمايدۇ.» ئاخباراتتا ئۇلاپلا شۇنداق دېيىلگەن: «خىتايدا ھەر كۈنى 500 قېتىم كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى پارتلاۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتلەرنى قەبىھ زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى ۋە مۇستەبىتلىك بىلەن باستۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى بولمىدى دېگەندە، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللارغا ئۆز قانۇنى يول قويغان ئاپتونۇمىيىلىك ھەق-ھوقۇقلارنى قايتۇرۇپ بېرىشلىرى كېرەك.»

germaniye-myunxenda-namayish-xoten-weqesi1-385.jpg
18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 26-ئىيۇل. ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندى گۆتتىنگېن شەھىرىدە مەزكۇر ئاخباراتنى ئېلان قىلغان چاغدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ۋېن جياباۋ ھە دېسىلا تىنچلىقنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى بەزى جايلار پىلىكى تارتىلمىغان بومبىغا ئوخشاپ قالدى. بىرلا سىلكىنسە پارتلاپ، تىنچلىقنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىۋېتىدۇ» دېگەن. ئۇ سۆزىدە، ئاخىرقى 10 كۈن ئىچىدە سىچۈەندىكى نامايىشچى تىبەتلىكلەردىن 60 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە موڭغۇللار بىلەن بىرلىكتە 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان ئىدى. ئۇ نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەندە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنىڭ تىپىك ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، بۇ ۋەقەدىن خىتاينىڭ مىللىي زۇلۇملىرىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىرادىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندى يەنە 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسىگە باھا بېرىپ «مانا بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ئەركىنلىككە ئىگە ئەمەسلىكىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ - زارىنى ئىپادىلەشنىڭ باشقا يوللىرى قالمىغانلىقىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سىستېمىلىق يوقىتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دېدى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندى گۆتتىنگېن شەھىرىدە ئېلان قىلغان «ۋېن جياباۋنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تىنچىتىش ئارزۇسى قۇرۇق خىيالدىن ئىبارەت» ناملىق ئاخباراتتا يەنە، بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ باشقىدىن جىددىيلەشكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا 40 مىڭ كامېرا ئورنىتىپ، بىخەتەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىپ چىقىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاخباراتتا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۇيغۇر-خىتاي مىللىتى ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 200 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، رايون ۋەزىيىتىنىڭ بۈگۈنمۇ جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

باش ماۋزۇسى «خىتايدا كۈنىگە 500 قېتىم چوڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرمەكتە» ناملىق مەزكۇر ئاخباراتتا ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتنىڭ ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىكتىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى تىلغا ئېلىنىپ، ئاز دېگەندە 110 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئاخباراتنىڭ ئاخىرقى قسىمىدا بولسا، خىتاي زېمىنىدىمۇ ئىچكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چىرىك ھاكىمىيەتكە قارشى تۇشمۇ ‏- تۇشتىن قوزغىلىۋاتقانلىقى، 2010-يىلى بىر يىل ئىچىدە پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە 180 مىڭ قېتىم قارشىلىق ھەرىكەتلىرى پارتلاپ، 2006-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا قانچە باراۋەر ئېشىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.