خىتاي دائىرىلىرى خۇبېيدىكى 2 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى ئاخباراتتىن يوشۇرماقتا

دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇ شۈﯤ شەھىرىدە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. ۋەقەدە شۇ كۈنى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوغرىلىق گۇمانى بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا بىر نەپەر ئۇيغۇر نەق مەيداندا، يەنە بىرى دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-01-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﯩﭽﯜﻩﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﺳﯘﻳﻨﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ " ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺳﺎﻧﺠﯩﺪﻯ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ  ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 5 ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﯩﭽﯜﻩﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﺳﯘﻳﻨﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ " ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺳﺎﻧﺠﯩﺪﻯ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 5 ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.aboluowang.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە‏ تاۋاباتلىرى، يېقىنلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، تەجرىبە - ساۋاقلىرىغا ئاساسەن ۋەقەنىڭ ئۈرۈمچىگە ۋە دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا. بۈگۈن رادىئومىزنىڭ خىتايچە بولۈمى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات سورىغان؛ دائىرىلەر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، بىراق تەپسىلاتى ھەققىدە جاۋاب بەرمىگەن.

مۇخبىرىمىز مەلۇم بىر ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلغاندا، ساقچى ۋەقە گۇماندارىنى تۇتقانلىقىنى، دېلونىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، شەھەردىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ساقچىلار نارازىلىق بىلدۈرگۈچى ئۇيغۇرلارنى بىر مېھمانخانىغا قاماپ كوچىغا چىقىشىنى چەكلىگەن. ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە ‏تاۋاباتلىرىغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ، ۋەقەنى شاۋ - شۇۋ قىلماسلىققا، ۋە ئىشنى چوڭايتماسلىققا ئۈندىگەن.

توردىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە شەھەر خەلقىنى خېلىلا ئەنسىزچىلىككە سالغان. خىتاي بىر تەرەپتىن ئۆلگۈچىلەر ئائىلە تاۋاباتىغا خىزمەت ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ساقچىلار كوچىلاردا كەڭ - كۆلەملىك چارلاش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كوچىلاردا ئىنتىقام خاراكتېرلىك ئىش چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا. بىر ساقچى خادىمىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ساقچىلار بىر نەپەر ۋەقە گۇماندارىنى تۇتقۇن قىلغان. بۇ ساقچى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقەدىن كېيىن نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ۋەقەنى تېنجىتىپ بولغانلىقىنى، شەھەر خەلقىدىكى ئەنسىزچىلىكنىڭمۇ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقە يۈز بەرگىنىگە بۈگۈن 5 كۈن بولغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر خىتايدىكى ھېچقانداق بىر مەتبۇئات بۇ ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بەرمىگەن. تور باشقۇرغۇچىلار ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەزكۇر ۋەقەنى خەۋەر قىلماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان. بۇ سەۋەبتىن ئىنتېرنېتتىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار ئۇدۇللۇق ئۆچۈرۈلگەن.

مۇخبىرىمىز سۇڭ پامىلىلىك بىر كىشىنى زىيارەت قىلغان. سۇڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەردە ئاساسەن قانۇنسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا سوغۇق كۆز بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شەھەر ئاھالىلىرىدىن يەنە بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردە ئاساسلىقى يېمەك - ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ پەۋقۇلئاددە بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىر نەپىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ شەھەردە ئىش تېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭمۇ ئۇلارغا كۆڭۈل بولۇپ قاتتىق جازالىمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئامالسىزلىقتىن كەلگەنلىكىنى، ئۆز يۇرتلىرىدا ئىش ئورۇنلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىگىلىۋالغاچقا، يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتايدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى بولسا ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە، خىتاي ساقچىلىرى بىلەن خىتاي قارا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بىر قسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان ئاشكارا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىماقتا.

بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇرلارغا قانۇنلۇق يول بىلەن تىجارەت قىلىشنىڭ يوللىرى پۈتۈنلەي ئېتىۋېتىلگەچكە، بەزى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قانۇنسىز يوللارغا مەجبۇرلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردە مەسئۇلىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (2)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

Siz töwendiki fontlarni uyghur komputér ilmiy jem'iyitining tor bétidin (http://ukij.org) komputéringizgha chüshürüp qachilisingiz bolidu. Eger font qachilash qolaysiz bolsa, intérnét ékisplorér (ie) programmisi arqiliq ziyaret qilsingiz font bolmighan sharaittimu normal köreleysiz.

Biz ishletken fontlar: "Uyghuredit lotus", "UKIJ Nasq", "UKIJ Tuz Tom", "UKIJ Basma", "Uighursoft Web Tor", "Alpida Unicode System", "UKIJ Tuz", "UKIJ Esliye", "UKIJ Basma", "Microsoft Uighur", "Arial Unicode MS";

Jan 22, 2010 03:58 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

20 -ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﯮﻗﯘﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﯕﻼﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ .

Jan 22, 2010 09:52 AM

تولۇق بەت