خوجالى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2012.02.27

1992-يىلى، ئەزەربەيجاننىڭ يۇقىرى قاراباغ رايونىدىكى خوجالى شەھىرىدە يۈزبەرگەن قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدىكى ئابدى ئىپەكچى باغچىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدىكى بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان كادىرلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا ئەزەربەيجانلىقلار، تۈركلەر، ئىراقلىق تۈركمەن، قىرىم تاتارلىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. بۇلاردىن باشقا پارلامېنت ئەزاسى در. سىنان ئوگان، ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە بەزى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۆبىسى مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر قاتناشتى.
نامايىشتا كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن خوجالى قەتلىئامى ھەققىدە توختىلىپ، ئەرمەنىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 1991-يىلى 10-ئايدىن ئېتىبارەن قورشاپ تۇرۇۋاتقان خوجالى يېزىسىغا، 1992-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى كىرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە پەقەتلا بىر كۈن ئىچىدە 63 بوۋاق، 106 ئايال، 70 ياشانغان ئەرلەردىن بولۇپ 613 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 487 كىشىنىڭ ئېغىر يارىدار بولغانلىقىنى، 1275 كىشىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا، سىپرۇستىكى تۈركلەرگە ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئاملارنى، گرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي تىراكيادىكى تۈركلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراندىكى تۈركىي خەلقلەرگە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدىغانلىقى ۋە ئۇنۇتتۇرمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نامايىشنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
نامايىش جەريانىدا مىكروفونىمىزنى پارلامېنت ئەزاسى در. سىنان ئوگان ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ ئۆزى پارلامېنت ئەزاسى بولغاندىن كېيىن خوجالى مەسىلىسى توغرىسىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا قارار ماقۇللانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«خوجالى قىرغىنچىلىقى تۈرك دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىقتىن بىرى. ئەپسۇسكى 20 يىلدىن بېرى تۈركىيىدە بۇ قىرغىنچىلىق ھەققىدە قارار ماقۇللانمىدى. ھەر يىلى بۇ ھەقتە يىغىنلار چاقىراتتۇق ئەمما مۇھىم بىر قارار ماقۇللىتالايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى. مەن بۇ يىل پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقى سىياسەت كومىتېتىدا بۇ ھەقتە بىر قارار ماقۇللاتتۇق. 2-ئاينىڭ 28-كۈنى پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىندا مەن يەنە بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ قارار ماقۇللىتىشقا تىرىشىمەن.»