18-ئىيۇل ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن خوتەن ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى

18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسىدىن كېيىن، خوتەن قاتناش تۈگۈنلىرىدە ساقاللىق ئۇيغۇر ئەرلىرى ھەم روپاش ئاياللارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.

0:00 / 0:00

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن گېرمانىيە ئاۋازى، رويتېرس ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەندە 18-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، چارشەنبە خوتەندە يەنە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. خوتەن ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش كۈچەيتىلگەن.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 21-ئىيۇل كۈنى سەھەر سائەت 1 يېرىم ئەتراپىدا كېچىلىك سەيلىگە چىققان 20 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر جۈپ ئەر-ئايال خوتەن شەھەر كۆۋرۈكىدە ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇندىن باشقا خوتەندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، يەنە 3 نەپەر خىتاي پۇقراسىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى خوتەن 2-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى بۇ خەۋەر ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

خوتەندىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ، ئۆز بايانلىرىدا خوتەندە 18-ئىيۇل ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خوتەندە بىرنەچچە خىتاي پۇقراسىنىڭ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تارقالغانلىقىنى، ئەمما خوتەندە بېرىلىۋاتقان ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 18-ئىيۇل ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى، خوتەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، يۈزىنى يېپىپ يۈرۈش ئادىتىنى ئىسلام دىنىي تۈسىدىكى كىيىملەرنى كىيىشكە بولمايدۇ دەپ چەكلىگەنلىكى سەۋەب بولغان دەپ كۆرسىتىلگەن.

خوتەن شەھىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ، يېقىندىن بۇيان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خوتەندە يولغا قويغان، كوچىدا يۈزىنى يېپىپ يۈرگەن ئاياللارنىڭ يۈزىنى مەخسۇس بەلگىلەنگەن كادىرلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئاچقۇزۇش، ساقال قويغان ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقىلىنى مەجبۇرىي چۈشۈرگۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

خوتەن شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خوتەن ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن بولۇپ، كوچىلاردا ساقال قويغان ئۇيغۇر ئەرلىرى ھەم يۈزىنى ياپقان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاساسلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغان.

خوتەن ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، 18-ئىيۇل ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خوتەن شەھىرىگە كىرىدىغان قاتناش تۈگۈنلىرىدە ساقچىلار كىملىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ روپاش ئاياللارنى كوچىلاردا توسۇۋېلىپ ئۇلارغا قارىتا يۈزىنى ئېچىپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئاياللارنىڭ سىرتتا مۇھىم ئىشى بولمىسا كوچىغا چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى خوتەندە 18-ئىيۇل ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەن خىتاي ساقچىلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خوتەندىكى ھەر مىللەت پۇقرالىرى ھۇجۇمدا ئۆلگەن خىتاي ساقچىسى ۋۇ جېلۈندىن ئۆگىنىشكە سەپەرۋەرلىك قىلىنغان. ئەمما خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەم ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خوتەن ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن بولۇپ، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى خوتەندە ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى باشلىۋەتكەن. دىلشات رىشىت ئۆز بايانىدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىگىلىگەن ئۇچۇردا ۋەقەدىن كېيىن 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.