ياپونىيىدىكى خىتايغا قارشى نامايىشتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى
2012.09.24

9-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن باشلاپ، توكيودىكى ئائوياما باغچىسىغا ياپونىيىدىكى ئوڭچىلارغا مايىل كىشىلەر توپلىشىپ، ياپون مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «غەيرەت قىل ياپون» تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرايلى!»، «خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلايلى!» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ، ئۇرۇش يىللىرىدىكى ھەربىيچە كىيىملەرنى كىيىشىپ، خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئىككى مىڭغا يېقىن كىشى نامايىش ئېلىپ بارغان. نامايىش جەريانىدا، نامايىشنى تەشكىللىگۈچى تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى نامايىشچىلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا مۇستەقىل دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۈچ دۆلەتنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 1950-يىللاردىن كېيىن مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ مىللەتلەرنى باستۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، 300 يىلغا يېقىن خىتايدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مانجۇ مىللىتىنىڭ دۆلىتى ئەمەس، بەلكى بۇ مىللەتنىڭ تارىخ بېتىدىن ئاللىقاچان يوقالغانلىقىنى، 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆكسىنى كېرىپ چىقىپ،ئۆزلىرىگە ئېتىلىۋاتقان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئوقلىرىغا پىسەنت قىلماي، خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى، ئەركىنلىك، ھۆرلۈك تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ غايىب بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن، ئېلىپ بارغان نامايىشلىرىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ 1990-يىلىدىن بۇيان جىددىي ھالدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، ئەگەر ياپون خەلقى ۋە ياپون ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە جىددىي ۋە جانلىق تەدبىر قوللىنىپ، قاقشاتقۇچ زەربە بەرمىگەندە، ياپونىيە دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە يەنى خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئائوياما باغچىسىدىن باشلىنىپ، توكيودىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغىچە، ئىككى مىڭغا يېقىن نامايىشچى شوئار توۋلاپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. توكيو ساقچى ئىدارىسى نامايىشچىلارنىڭ غەزىپىدىن ۋە كەيپىياتىدىن بىرەر چوڭ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىغا كۆپلىگەن ساقچىلارنى يۆتكەپ، نامايىشچىلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. 250 كە يېقىن نامايىشچى تولۇپ-تاشقان غەزىپى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىغا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن توسۇۋېلىنغان. نامايىشچىلار، «خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرايلى!»، «ياپونلار ئويغىنايلى! ياشىسۇن ياپون!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، كەچ سائەت يەتتىگە قەدەر نامايىشنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ قېتىمقى توكيودا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئارال ماجىراسى باشلانغاندىن بۇيان ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق خىتايغا قارشى نامايىشتۇر. خىتايلار ياپونىيىگە قارشى 125 شەھەردە نامايىش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ياپونىيىدە بۇندىن ئىلگىرى خىتايغا قارشى نامايىش بولمىغان، پەقەتلا 9-ئاينىڭ 17-كۈنى فۇكۇئوكا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسغا بومبا تاشلاش ۋەقەسى ۋە كوبېدىكى خىتاي مەكتىپىگە ئوت قويۇش ۋەقەلىرىلا يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى نامايىش ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارال ماجىراسى يۈز بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بويىچە باشلىنىش ئالدىدا يۈز بەرگەن. ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق ئاسىيا ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى، ھازىرقى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ياڭ يەنيى باشچىلىقىدىكى ئۆمەك ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ياپونىيىدىكى سىياسىي پارتىيىلەر بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىق تۆت كۈنلۈك زىيارىتىدە بولىدىكەن. ئۇلار ياپونىيىدىكى تۆت كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا ياپونىيىدىكى تەسىرى زور سىياسىي پارتىيىلەردىن، ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيىسى،شۇنداقلا لىبېرال دېموكراتىيە پارتىيىسى، خەلق پارتىيىسى قاتارلىق سىياسىي پارتىيىلەر بىلەن سۆھبەتتە بولىدىكەن. ئۇندىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ياپون، خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ قىرىق يىللىقىنى تەبرىكلەش مەرىكىسىنىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بېيجىڭدا نورمال ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان ياپونىيىلىك بىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. نامايىشقا قاتناشقان بۇ خانىم ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى، پەقەتلا ياپون خەلقىنىڭ خىتايلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئەگەر ياپون خەلقى ئويغانمىسا، ياپونلارمۇ ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە ئوخشاش مۇستەملىكە مىللەتكە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.