خەلقئارادىكى قەلەمكەشلەر 'ياۋا كەپتەر'گە خەت يازدى

ھەر يىلى 15 - نويابىر كۈنى، "خەلقئارا تۈرمىدىكى قەلەمكەشلەرگە ئەركىنلىك" كۈنىدۇر. خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى بۇ يىللىق قەلەمكەشلەر ئەركىنلىك كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدە "ياۋا كەپتەرگە ئەركىنلىك" تېمىسىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئاساسلىق كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010-11-19
Share
Yawa-kepter-girmanche-305.jpg ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 10 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯧﺴﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﺎﺵ ﻗﻪﻟﻪﻣﻜﻪﺵ ﻧﯘﺭﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﻳﺎﺳﯩﻨﻨﯩﯔ "ﻳﺎﯞﺍ ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻙ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺋﺎﻳﺪﻩﻣﯩﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﻧﯧﻤﯩﺴﭽﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ.
www.amazon.de / Author Memet Aydemir

ياۋروپادىكى نۇرغۇن مۇستەقىل قەلەمكەش ۋە ژورنالىستلار خىتاي تۈرمىسىدىكى نۇرمەمەت ياسىنغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارىتىپ خەت تەييارلىغان. ئۇلار نۆۋەتتە بۇ ھالسوراش مەكتۇپىنى نۇرمۇھەممەتكە قانداق يەتكۈزۈش يولىنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىگە ھاۋالە قىلغان.
 
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى مەركىزىدىن قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى بولسا، مەزكۇر خەۋەرنىڭ رادىئو دولقۇنلىرىمىز ئارقىلىق نۇرمۇھەممەت ياسىنغا يېتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت