ياۋروپا پارلامېنتى جىددىي قارارنامە ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا پارلامېنتى تارىخىي خاراكتېرلىك جىددىي قارارنامە ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى قەدىمىي مەدەنىي مىراسلىرىنى چېقىشنى توختىتىشى، تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-03-10
Share
qeshqer-cheqish-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ
AFP Photo

ياۋروپا پارلامېنتىدىكى يەتتە يۈز نەچچە كىشىلىك ئەزالارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللانغان قارارنامىدە يەنە، قەشقەردىكى ئۇيغۇر شەھەر ئاھالىسىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشنى توختىتىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قەشقەرنىڭ ب د ت دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان. كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر قارارنامىنىڭ بىر تارىخىي ھۆججەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ياۋروپا پارلامېنتى چارشەنبە كۈنى كەسكىن بەس-مۇنازىرىلەردىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر تارىخىي قارارنامە ماقۇللىدى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىشنى توختىتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى مەزكۇر قارارنامە، 756 كىشىلىك ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 754 نەپەر ئەزانىڭ بىردەك قوشۇلۇشى، بىر كىشىنىڭ رەت ئاۋازى بېرىشى ۋە بىر كىشىنىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى بىلەن چىقىرىلغان كۈچلۈك قارارنامە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2 يېرىم بەتلىك قارارنامىنى 2 مەزمۇنغا بۆلۈشكە بولىدۇ. قارارنامىنىڭ 1-مەزمۇنى مەزكۇر قارارنامىنىڭ چىقىرىلىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. قارارنامىنىڭ بۇ قىسمىدا خىتاينىڭ 500 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىشقا باشلىغانلىقى، لېكىن بۇنىڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقانلىقى، قەشقەر ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ سىمۋولى بولۇش بىلەن بىرگە، قەدىمىي سودا ۋە ساياھەت مەركىزى بولۇش سۈپىتىدە يىتۈك خەلقئارا قۇرۇلۇش مىراسى ھېسابلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. قارارنامىنىڭ 2‏-مەزمۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قەشقەرنى چېقىشنى توختىتىپ، ئۇنى قوغداپ قېلىشقا چاقىرىش، قەشقەرنى چېقىشنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىقى، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىنى سۆزلىشىشىنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا بولۇپ، قارارنامىنىڭ بۇ قىسمىدىكى تەلەپلەرنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

يەنى بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنىڭ ئارخىتېكتورىيىلىك مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقىنى دەرھال توختىتىش. قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ، ئۇلارنى يېتىم ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا خاتىمە بېرىش. خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە قوشۇلۇپ، ب د ت مەدەنىيەت-مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ يىپەك يولىدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلار تىزىملىكى ئىلتىماسىغا قەشقەرنى قوشۇش. ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ئىپادىلەش ئاساسى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ياۋروپا كومىسسىيىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ خىتايدىكى ئېتنىك، تىل ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ كىشىلىك ھەم مەدەنىيەت ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەزكۇر قارار لايىھىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى قوللاپ، بۇ يولدا نۇرغۇن ئەمگەك سىڭدۈرگەن ياۋروپا ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ پروگرامما مەسئۇلى Andrew Swan زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىدا ماقۇللىغان قەشقەر ھەققىدىكى بۈگۈنكى قارارنامە ھەققىدە توختالدى. ئۇ «ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە قويغان ئاچقۇچلۇق تەلىپى قەشقەرنى چېقىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىش شۇنداقلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، خىتاينى ئۇيغۇر-خەن دىئالوگى ئېلىپ بېرىشنى قوللاشقا چاقىرىشتۇر. بۇ مەسىلە ئۆتكەن يىلى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قاتنىشىشىدىكى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشقا بىر گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم ئەزالار ئوتتۇرىغا قويغان بۈگۈنكى قارارنامە، پارلامېنتتىكى بارلىق سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ، قارارنامىنىڭ ماقۇللىنىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. مەزكۇر قارارنامىنىڭ مەزمۇنى قەشقەرنى قوغداپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئۇنىڭ خەلقئارا، خىتاي ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ قېلىشتىكى مۇھىملىقىغا ئالاقىدار» دەپ كۆرسەتتى.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر قارارنامىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى كۈنتەرتىپىگە قويۇلۇشىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى، قارارنامىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، قارارنامىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك سىگنال بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قارارنامىنىڭ روھىنى رازىمەنلىك بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەر يىپەك يولىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، مەدەنىيەت ۋە سودا ئالماشتۇرۇش مەركىزى بولۇپ كەلگەن. قەشقەر خەلقى ئۆزىنىڭ قەدىمكى تۇرمۇش ئۇسۇلى، بىناكارلىقى، قول-ھۈنەرۋەنچىلىكى، تىرىكچىلىك يولى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دەۋرىمىزگە قەدەر ساقلاپ كەلگەن ئىدى. لېكىن، خىتاينىڭ 2009‏-يىلى قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى شەھەر سىرتىغا كۆچۈرۈش، شەھەر مەركىزىگە سودا ۋە ئاھالىلەر بىنالىرىنى قۇرۇپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش پىلانىنى يولغا قويۇشى، قەشقەردىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەيران بولۇش، قەشقەرنىڭ ئۆزىگە خاس قەدىمىي مەدەنىيەت قىياپىتى پۈتۈنلەي يوقىلىش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، قەشقەرنى ب د ت نىڭ يىپەك يولىدىكى قەدىمكى مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۈگۈنكى قارارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قەشقەر شەھىرىنى ب د ت مەدەنىيەت-مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ يىپەك يولىدىكى مەدىنى مىراسلار تىزىملىكىگە ئىلتىماس قىلىشقا چاقىردى.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى Andrew Swan ياۋروپا پارلامېنتى ماقۇللىغان بۈگۈنكى قارارنامە خىتاينىڭ قەشقەر ھەققىدىكى پىكرىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز مەزكۇر قارارنامە خىتاينىڭ قەشقەر توغرىسىدىكى بەزى پىكىرلىرىنى ئويلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. لېكىن، بۇ يەردىكى نېگىزلىك مەسىلە، دۇنيا مەدەنىيەت-مائارىپ تەشكىلاتى ب د ت نىڭ قارمىقىدىكى ئورگان. ئۇنىڭغا سۇنۇلغان تىزىملىك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك. لېكىن، بىز بۇ يىل 1-ئايدا چاقىرغان قەشقەر شەھىرى ھەققىدىكى يىغىندا، بىز مەدەنىيەت-مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ بارغانسېرى سىياسىيلىشىپ كېتىۋاتقان بىر ئورگانغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق. بۇ مەسىلە يالغۇز قەشقەرنىڭلا ئەمەس، دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيەت مىراسلىرىمۇ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە. شۇڭا بىز، بۈگۈن ماقۇللانغان قارارنامە نوقۇل سىياسىي نۇقتىدىن ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت نۇقتىسىدىن مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بولغان دىققەت-نەزەرنىڭ ئارتىشىغا يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارنامىسىدە يەنە «خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاساسىي قانۇندىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىگە تەسىرى چوڭقۇر سىڭگەن قەشقەر ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى قوغداشقا چاقىرىدۇ شۇنداقلا خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ ھازىرقى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداشقا دائىر قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.» دېيىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى مەمەت توختى ئەپەندى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قەشقەرنى قوغداش ھەققىدىكى بۈگۈنكى قارارنامىسى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قەشقەرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارنامىسىدە يەنە، ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيىنىڭ 1992‏-يىلى ماقۇللىغان «مىللىي، ئېتنىك، تىل ۋە دىنىي ئاز سانلىقلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، ئۇنىڭدا دۆلەتلەر ئاز سانلىقلارنى ئۇلارنىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىدە مەۋجۇت مىللىي ياكى ئېتنىك، مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغدايدىغان بەلگىلىمە بارلىقىنى، خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 4‏-بۆلۈم 22-ماددا ۋە 119-ماددىلىرىدا دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدايدىغانلىقى قارار قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى Andrew Swan ياۋروپا پارلامېنتى بۈگۈن ماقۇللىغان قەشقەر ھەققىدىكى قارارنامىنىڭ خىتاي شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.ئۇ «خىتاي ئۈچۈن قانداق مۇھىم مەنىگە ئىگە دېگەندە، بۇ قارار قەشقەر مەسىلىسى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەسمىي كۈنتەرتىپىگە ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈن ماقۇللانغان قارارنامە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەسمىي ھۆججىتى شۇنداقلا ئۇنىڭ رەسمىي مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ. بىز خىتايدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ، بولۇپمۇ قەشقەر ھەققىدىكى چوڭقۇر ئەندىشىلىرىدىن بۇ مەسىلىنىڭ يالغۇز خىتاي ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە بولۇپلا قالماي، خەلقئارا ئۈچۈنمۇ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. قەشقەرنىڭ تارىخىي يالغۇز خىتاي خەلقىگە ۋە ياكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مەنسۇپ بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇ يەنە دۇنياغا مەنسۇپتۇر»دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت