ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئالاقىدار ئېھتىياجلىرىنى قامداپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىممۇ، مۇناسىۋەتلىك بايانلاردىن كېيىن، مۇڭلۇق قىرائەت بىلەن ۋەتەن ئىچى-سېرتىدا ۋاپات بولۇپ كەتكەن قېرىنداشلارنىڭ ھازىسىغا تەسەللى بەردى ۋە دۇئا-تەكبىرلىرى بىلەن رەسمىيەتلىك يوسۇنلىرىنى بەجا كەلتۈردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2011.01.03
yawropa-sherqiy-turkistan-maarip-jemiyiti-yighin-korunushi-2011-305.jpg 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى گوللاندىيىنىڭ ھارلىم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ ئايلىق سۆھبەت يىغىنى
RFA/Pidaiy

گوللاندىيىدە قۇرۇلغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى گوللاندىيىنىڭ ھارلىم شەھىرىدە، يىللاردىن بىرى داۋام قىلىۋاتقان ئايلىق سۆھبىتىنى ئېلىپ باردى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئادەتتىن تاشقىرى بىر قىزغىنلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تۈركىيىدىكى « شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» رەھبىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ تەسىرلىك نۇتقى ئىشتىراكچىلارنى ھاياجانغا سالدى. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىمنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، پىداكارلىق، تەقۋالىق، مەسئۇلىيەتچانلىق، ھوشيارلىق، تەدبىرلىك بولۇش ھەققىدىكى كەڭ دائىرىلىك پىكىرلىرى ھەممەيلەننى قايىل قىلدى. گەرچە ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بولسىمۇ ناھايىتى قىسقا بىلىنگەن بۇ سۆھبەت، ئاڭلىغۇچىلارغا نىسبەتەن قىممەتلىك پۇرسەت بولۇپ قالدى.

abdulhekimxan-mexsum-385.jpg
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى گوللاندىيىنىڭ ھارلىم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ ئايلىق سۆھبىتىدە نۇتۇق بەردى.
RFA/Arslan

سۆھبەت ئىشتىراكچىسىدىن بىرى بۇ ھەقتە ئىنكاسىنى بىلدۈرۈپ: "ئۇستازىمىز ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىمنىڭ مۇھىم تەۋسىيىلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. ۋەتەن دەۋاسىنى قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىق ھەرقايسى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ بىرلىك-باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا بىرلەشسەك، بۇ ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىققىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتىم." دېدى.

« شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ ئىككى ئەزىز مېھمىنى شۋېتسىيىدە ئېچىلغان «شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى» نىڭ يىللىق مۇھاكىمە  يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كۆپ تەرەپلىمە مەلۇمات بەرگەن ۋە ناھايىتى ياخشى تەسىر قالدۇرغان. ئۇلار قايتىش پۇرسىتىدە ياۋروپادىكى قېرىنداشلىرىنى زىيارەت قىلىش نىيىتى بىلەن گوللاندىيىگىمۇ كەلگەن ھەم «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» بۇ قېتىمقى ئايلىق سۆھبىتىگە مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.