ياۋروپا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىرلەشمە مەشرىپى ئۆتكۈزۈلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010.03.15
2010.03.15
گېرمانىيىدىكى چوڭلار مەشرىپىنىڭ قازىسى نۇرمۇھەممەد روزاخۇن ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى زاماندا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەشرەپ ئوينىغان ياشلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ۋە باستۇرغانلىقىنى، ياۋروپا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ ئەن - ئەنىۋى مىللىي ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تىلغا ئالدى ھەمدە بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مەشرەپنىڭ كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرىتتى.
نۇرمۇھەممەد روزاخۇن ئەپەندى، 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھى جەھەتتىن يەنە بىر قېتىم ئويغانغانلىقىنى، بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك، ئىناقلىققا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېتىبار بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۇڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكىنى، پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر مۇشت بولۇپ ئۇيۇشىشىڭ زۆرۈرلىكىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، بۇ خىل بىرلەشمە مەشرەپ ئۆتكۈزۈشتىكى تۈپ مەقسەتنىڭ ئالدى بىلەن ياۋروپا ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى مەشرەپكە گوللاندىيىدىن كېلىپ قاتناشقان گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر مەشرىپىنىڭ ۋەكىلى بەختىيار ئەپەندى، بۇ قېتىمقى مەشرەپتە گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە بېلگىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم بىرلەشمە مەشرەپ ئۆتكۈزۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى، بۇ قېتىم گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپنىڭ بۇ پلاننىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر مەشرىپىنىڭ ۋەكىللىرىدىن زەينىدىن ئەپەندىمۇ، ياۋرۇپا مەشرىپىنىڭ پۈتۈن ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇمى بىرلىكنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى تۈپ غايە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھازىر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدىلا دېگۈدەك تۈرلۈك شەكىلدىكى مەشرەپلەر داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ مەشرەپ ئەھلى چەتئەلدىكى سىياسىي دەۋانىڭ تايانچ كۈچلىرىگە ئايلىنىپ قالغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.