يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ شىكايەتنامىسى قەشقەر ۋىلايەت ھۆكۈمىتىدە

يېڭىسار دېھقانلىرى ئۆتكەن ھەپتە، ناھىيىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان مەجبۇرىي تېرىقچىلىق پىلانى ھەققىدە شىكايەت فىلىمى ئېلان قىلغان ئىدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن مەزكۇر ئەرز ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

0:00 / 0:00

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە قەشقەردە ئەسلىھەلىك تېرىقچىلىق دەپ ئاتىلىدىغان تېرىقچىلىق پىلانى يولغا قويۇلماقتا. ئەسلىھەلىك تېرىقچىلىق پىلانى يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغان، بۇ پىلان بۇيىچە، ئوخشاش بىر پارچە ئېتىزغا بىر قانچە خىل زىرائەت تېرىلىدۇ.

ئەسلىھەلىك تېرىقچىلىق پىلانىنى بەزى مەسئۇل كادىرلار قەشقەردە ئومۇميۈزلۈك بولغان، خەلقنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان پىلان دەپ ئاشكارىلىسا، يەنە بەزى كادىرلار، بۇ پىلاننىڭ پەقەت يېڭىساردا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، باشقا ناھىيىلەردە بولسا نەتىجىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلىھەلىك تېرىقچىلىق پىلانى ئەسلىدە ئىلمىيلىكتىن ئۇزاق ھەم بازار ئىقتىسادىنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولغىنى ئۈچۈن مەغلۇپ بولغان.

يەنە بەزى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە،ئەسلىدە پىلاندا مەسىلە يوق، مەسىلە ئىجرائاتتا، يەنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ناتوغرا خىزمەت ئىستىلى پىلاننىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالغان.

بىز قەشقەر ۋىلايەتلىك رېۋىزىيە ئىدارىسىدىن بۇ توغرىلىق ئەھۋال ئىگىلىدۇق، مەسئۇل رەھبەرلىك ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ ئەرزىنى 31 ‏-دېكابىر كۈنى تاپشۇرۇۋالغان، ئەرز كۆپ تەرەپلىمە مەسىلىلەرگە چېتىلغىنى ئۈچۈن، ئەرزنى ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا يوللاپ بەرگەن.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەرزنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، مەسىلىنى يەنە ئالدى بىلەن ناھىيىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىشىغا بۇيرىغان. يەنى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جاڭ جيەن ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ناھىيىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىشىنى توسىغان.

يەنە ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم بىر رەھبەر، قەشقەر ۋىلايىتىدە ھەقسىزلىق ۋە يولسىزلۇقلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، يېڭىسار دېھقانلىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۆزلىرىنىڭمۇ چارىسىزلىك ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدا، يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ ئەرزىنىڭ ھەل بولماسلىقىدا، ناھىيە بىلەن ۋىلايەت رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تورىنىڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى ئىكەنلىكى بايقالماقتا.