يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى فرانسىيىدە باشلاندى

يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى 11‏-ئاينىڭ 3‏-كۈنى فرانسىيىنىڭ دېڭىز بويلىرىغا جايلاشقان كاننېس سەيلىگاھىدا باشلاندى.

0:00 / 0:00

يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى (G20) دىكى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى، 11‏-ئاينىڭ 3‏-كۈنى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان كاننېس سەيلىگاھىدا باشلاندى. رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشنىڭ مۇزاكىرە قىلىدىغان باش تېمىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى قەرزدىن خالاس قىلىش، بۇنىڭ ئىچىدە گېرىتسىيىگە ياردەم بېرىش مەسىلىسى بىر كونكرېت مەسىلە ئىدى. بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشنىڭ ساھىپخانى بولغان فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى كۈن تەرتىپ بويىچە، يىغىنغا كەلگەن دۆلەت باشلىقلىرىنى بۈگۈن ئەتىگەندە بىر-بىرلەپ ھەشەمەتلىك مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى. ئەتىگەن سائەت 11 دە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى. سائەت 12 دە مېھمانلارغا زىياپەت بەردى. كەچ سائەت 4 تە، ھىندىستان باش مىنىسىترى سىنخا بىلەن كۆرۈشتى. كەچ سائەت 6 دە ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشنىڭ ئوڭۇشلۇق باشلانغانلىقىنى ۋە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى دېگەن ئەسلىدىكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق سانائەتلەشكەن چوڭ ھەم باي سەككىز دۆلەت گۇرۇھى ئاساسىدا، 1999-يىلى بېرلىندا قۇرۇلغان ئىقتىسادىي گۇرۇھ. بۇ گۇرۇھقا ئەزا 20 دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە سودا مىقدارى پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سودا مىقدارىنىڭ 80% نى تەشكىل قىلىدۇ. دۇنيادا كەڭ كۆلەملىك ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان بۇ يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش شەكلى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرخىل تەدبىرلەرنى بەلگىلەپ كېلىۋاتىدۇ.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىدىكى دۆلەت باشلىقلىىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن-‏ تۈنۈگۈن كەچ سائەت ئۈچتە، گېرىتسىيە باش مىنىستىرى پاپاندېرىئو ئافىنادا تۇرۇپ، يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ياردەم بېرىش پىلانى گېرىتسىيىدە ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇپ تەستىقلىنىدۇ دەپ جاكارلىغاچقا، باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىتىنى تۇمان باسقان ئىدى. فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوند جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كرىستىن لاگاردې خانىم بىلەن بىرلىكتە، ياۋروپا بىرلىكىدىكى يەنە بىر چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى ئانگىلا ماركېل خانىم بىلەن گېرىتسىيە كرىزىسى توغرىسىدا باش قوشقاندىن كېيىن، گېرىتسىيە باش مىنىستىرى پاپاندېرىئوغا، گېرىتسىيە ئۆتكەن ھەپتىدە كېلىشكەن ئىقتىسادىي ياردەم (قۇتقۇزۇش) پىلانىدىكى ماددىلارغا ھۆرمەت قىلمىغۇچە، ياۋروپا بىرلىكىدىن ۋە خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوند جەمئىيىتىدىن ھېچقانداق ياردەم (قەرز پۇل) گە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىدىكى دۆلەت باشلىقلىىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن-‏ تۈنۈگۈنلا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ساركوزىغا، ياۋروپادىكى قەرز كرىزىسىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش بىلەن ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىمۇ نىشانلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ساركوزىغا، خىتاي ھامان ياۋروپا بازىرىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى، ئەمما ياۋروپا دۆلەتلىرى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قەرز كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈمىدىنى بېيجىڭغا باغلىماسلىقى كېرەك، دېگەن. ياپونىيە باش مىنىستىرى يوشىكو نودا بولسا ساركوزىغا، ياپونىيە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ قەرز كرىزىسىنى ھەل قىلىش پىلانىنى قوللايدۇ ۋە ياۋروپا زايۇملىرىنى تېخىمۇ كۆپ سېتىۋېلىشنى ئويلىشىدۇ دەپ جاكارلىغان.