خىتاينىڭ 'يىڭنە ۋەقەسى پەيدا قىلغۇچىلارنى تۇتۇپ ساقچىغا تاپشۇرۇش' توغرىسىدىكى چاقىرىقى تەنقىدكە ئۇچرىدى

ئۇيغۇر ئېلىدا يىڭنە ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈرۈمچىدىكى خىتايلارنىڭ 4 ‏- ۋە 5 ‏- سىنتەبىردىكى نامايىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە نامايىشچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن "شىنجاڭ ج خ نازارىتى " ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۇقرالاردىن يىڭنە ۋەقەسى پەيدا قىلغان گۇماندارلارنى كۆرگەن يەردە تۇتۇپ، ج خ ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.09.17
Wang-lechuan-xitay-namayishchilar-bieln305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﯞﺍﯓ ﻟﯧﭽﯜﻩﻥ، 4 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﯚﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ "ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﯨﺴﺘﻼﺭ"ﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﺎﺯﺍﻻﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
Youtube.com دىن ئېلىندى.

ج خ نازارىتىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى تالاش - تارتىش قوزغاپ، بەزى ئۆكتىچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

"شىنجاڭ ج خ نازارىتى " يېقىندا جەمئىيەتكە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئاۋام پۇقرالارنىڭ ج خ ئورگانلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشىغا ماسلىشىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، پۇقرالارنىڭ يىڭنە سېلىش ۋەقەسى پەيدا قىلغۇچى گۇماندارلارنى بايقىسا دەرھال تۇتۇپ ج خ ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ج خ نازارىتىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى ئۇيغۇر ئېلىدا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مىللىي زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ، ناھايىتى خەتەرلىك بىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان نازۇك مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى يىڭنە ۋەقەسىگە دائىر خەۋەرلەر سىنتەبىرنىڭ باشلىرىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى، ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈم - يىتىم ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

ج خ نازارىتىنىڭ بۇ ئېلانى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بەزى كەسپى خادىملار ۋە ئۆكتىچى زاتلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، بەزىلەر بۇ ئېلاننى خىتاي قانۇنىدىكى مەۋجۈت بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئەمەس، دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر بۇ ئېلان ئۇيغۇر بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ تەنقىد قىلماقتا.

"كۆزىتىش " ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى چېن كۈيدﯤ ئەپەندى بولسا ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، ج خ نازارىتىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشىنى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت، دەپ ئەيىبلەپ، بۇ "مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىنىڭ ئۇسلۇبى" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چېن كۇيدﯤ: "بۇ قانۇن - تۈزۈمگە خىلاپ بىر ھەرىكەت. ئاممىغا، ئادەتتىكى قانۇن خادىمى بولمىغان كىشىلەرگە تايىنىپ قانۇننى ئىجىرا قىلىش ھازىرقى زامان قانۇن جەمئىيىتى يول قويمايدىغان قانۇنسىزلىقتۇر. ئەگەر بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەر كېڭىيىپ كەتسە، بۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ئاممىۋى دىكتاتۇرا ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ دېگەنلىك قانۇن ئېڭى بولمىغان ئاممىۋى ھېسسىيات ۋە مەلۇم ئىدېئولوگىيىلىك ئاڭغا تايىنىپ دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش، جۈملىدىن سىنىپى دۈشمەن ياكى بۆلگۈنچى كۈچلەر دەپ ئاتالغان پۇقرالارغا قارشى تۇرۇلسا، بۇ قانۇن - تۈزۈمگە پۈتۈنلەي خىلاپ قىلمىش دېگەنلىكتۇر. بۇ ئەھۋالنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىز مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ئۇسۇللارغا چېكىنىپ كەتسەك بولمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ج خ نازارىتى يەكشەنبە كۈنى يىڭنە ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك 75 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ ئىلگىرى يىڭنە ۋەقەسىنى "بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەرىكىتى" دەپ ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ "ئىجتىمائىي ساراسىم پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.

يىڭنە ۋەقەسى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى.

لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىڭنە ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى باھانە قىلىۋالغانلىقىنى، بۇ ۋەقەنى بەزى خىتاي پۇقرالىرى تۆلەم پۇلى ئۈندۈرۈۋېلىش غەرىزىدە پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

"كۆزىتىش" ژۇرنىلىدىكى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى بولسا، ئەگەر دائىرىلەر بۇ ئۇسۇلنى قوللانسا رايوندا مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاپ، يىغىشتۇرۋالغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ئەگەر دائىرىلەر ئاممىۋى دىكتاتۇرا ياكى خەلق قوزغىلىڭىغا تايىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسا، پۇقرالار ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى قانۇن ئورگىنى ھەل قىلماي، پۇقرالارنى ئۆز ‏- ئارا كۈرەشكە قويۇپ بەرسە، بۇ يىغىشتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ."

لېكىن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بەزى ئادۋوكاتلار بولسا "خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ئاۋام خەلقنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنى ج خ دائىرىلىرىگە، سوت ۋە تەپتىش ئورگانلىرىغا ياللاپ ئاپىرىش ھوقۇقى بارلىقى،" پۇقرالارنىڭ گۇماندارلارنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ياللاپ ئاپىرىش ئەھۋالى خىتايدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئادەتتىكى مەسىلە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

"كۆزىتىش" ژۇرنىلىدىكى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى گۇماندارلارنى تۇتۇش، ساقچىغا ياللاپ ئاپىرىش ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى، ئالىي دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بەزى نىگىزلىك قارارلارنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ " نۆۋەتتە ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەت ناھايىتى كەسكىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئالىي دائىرىلەر شىنجاڭدىكى مەسىلىگە قارىتا بەزى نىگىزلىك قارارلارنى چىقىرىشى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى باشقىلارغا دۆڭگىمەسلىكى كېرەك، ئۇلارنىڭ بۇ ۋەقەدە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. ئۇلار ئۇزۇندىن بېرى مەسىلە تېرىپ، ۋەزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى" دەيدۇ.

چېن كۇيدﯤ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، لېكىن نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ئېلىشقا تېگىشلىك بەزى جىددىي تەدبىلەرنى ئېلىپ، ھەر ئىككى مىللەتكە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.