دۇنيادا ئۇيغۇرلاردەك ئاق كۆڭۈل، ساپ ۋە ئاق نىيەتلىك مۇسۇلمانلار بولمىسا كېرەك. ئۇيغۇرلار ھاجىلىققا بارغۇچىلارغا قانچىلىك كۆپ ۋە قانچىلىك قىممەتلىك يوللۇقلارنى تۇتقان بولسىمۇ، ئۇلار بەرگەن بىر يۇتۇم زەمزەم سۈيىدىن ئالەمچە خوشاللىققا تولىدۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ باقمىغانلىرىمۇ ھەرەمدىن كەلگەن ھاجىنىڭ باش - كۆزلىرىنى سۆيۈپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلاردىكى ئىخلاس ۋە سەمىمىيەتنىڭ قانچىلى ك يۇقىرىلىقىدىنى دېرەك بېرىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېردىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەككىدە ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن بولىۋاتقان ئابدۇئەزىز ئەپەندى بۇھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
ئابدۇلئەزىز ئەپەندى زەمزەم سۈيىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: " زەمزەم سۈيى ئاللاھ تائالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئاستىدىن چىقىرىپ بەرگەن مۇبارەك سۇدۇر. مىلادىيىدىن تەخمىنەن 2000 يىللار ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ پېشىۋاسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئايالى ھاجەر بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى شۇ ۋاقىتتىكى سۇسىز، گۈل - گىياھسىز، قاقاسلىق چۆل مەككىگە ئېلىپ كېلىپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ. ھاجەر سۇ ئىزدەپ سافا بىلەن مەرۋە ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدا يۈگۈرگەن بولسىمۇ سۇ تاپالمايدۇ. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام قاتتىق ئۇسسۇزلىقتىن قىينالغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئىككى تاپىنىنىڭ ئاستىدىن بۇلاق چىقىدۇ. ئانىسى ھاجەر سۇنى كۆرۈپ قاتتىق خوشال بولىدۇ ۋە سۇنى بېكار ئېقىپ كەتمىسۇن دەپ "زەمزەم" ( يەنى توختا) دەيدۇ. شۇندىن بىرى بۇ سۇ "زەمزەم سۈيى" دەپ ئاتىلىپ قالىدۇ.
زەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئورنى
ئابدۇلئەزىز ئەپەندى زەمزەم قۇدۇقىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:" زەمزەم قۇدۇقى مەسجىدى ھەرەمنىڭ سەيناسىدىكى مەقامۇ ئىبراھىمنىڭ جەنۇپ تەرىپى ۋە ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان. كەبىدىن 21 مېتىر ۋە ھەجەرۇل ئەسۋەدتىن 18 مېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، چوڭقۇرلىقى 43 مېتىر كېلىدۇ. قۇدۇقنىڭ تېگىدە ئۈچ دانە بۇلاق بار. بۇلارنىڭ بىرى ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ يېنىدا، يەنە بىرى سافا تېغىنىڭ يېنىدا، ئۇچىنچىسى مەرۋەنىڭ يېنىدا. بۇرۇن زەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئىككى كۆلچىكى بار بولۇپ، بىرى زەمزەم قۇدۇقى بىلەن ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. كىشىلەر بۇ جايدىن زەمزەم ئىچەتتى. يەنە بىرى سافا تەرەپكە ئېقىتىۋېتىلگەن بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن تاھارەت ئالاتتى. كېيىنچە، كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلارغا قىستىلاڭغۇ بولۇپ قالغانلىق سەۋەبتىن، زەمزەم كۆلچەكلىرى تاقىۋېتىلىپ، كەبىنىڭ ئەتراپىدىكى مەيداننىڭ ئاستىغا كىشىلەر پەلەمپەي بىلەن كىرىپ ئىچىدىغان قىلىپ كرانلار(جۆمەكلەر) بېكىتىلىدۇ. 2003 - مىلادىيە يىلىغا كەلگەندە ھەرەمنىڭ سەيناسىنى ئازادىلەشتۈرۈش مەقسىتى بىلەن زەمزەم قۇدۇقىغا چۈشىدىغان ئېغىز تاقىۋېتىلىپ، زەمزەم سۈيى سەينانىڭ يان تەرىپىدىن تۇرۇبىلار ئارقىلىق چىقىرىپ قويۇلدى."
زەمزەم سۈيىنىڭ خاسىيىتى
ئابدۇلئەزىز ئەپەندى زەمزەم سۈيىنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" 21 - ئەسىرنىڭ بىيولوگىيە ئالىملىرى زەمزەم سۈيىنىڭ تا قىيامەتكىچە سىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان مۆجىزىگە ئىگە ئالاھىدە بىر سۇ ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنيادا ھېچقانداق بىر سۇنىڭ پاكلىقتا ۋە سۈزۈكلۈكتە زەمزەم سۈيى ئېرىشكەن خۇسۇسىيەتلەرگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى سۆزلىمەكتە. قىسقىسى، زەمزەم سۈيى مىڭلارچە يىللاردىن بىرى مىقدارى ئازىيىپ كەتمەستىن ياكى ئېتىلىپ چىقىپ پالاكەت تۇغدۇرماستىن بىر خىل چىقىپ كەلمەكتە. مۇندىن باشقا ئادەتتىكى سۇلارنى ئۇنىڭغا ساقلىغۇچى ماددىلارنى ئارىلاشتۇرماستىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ساقلىغاندا ئۇنىڭ تەمى بۇزۇلىدۇ. ئەمما زەمزەم سۈيى بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بىرخىل تەمى بىلەن داۋام قىلىۋېرىدۇ. زەمزەم سۈيىنىڭ تەمى دۇنياۋى بىر تەم بولۇپ، بېرەر قېتىم زەمزەم سۈيى ئىچكەن ئادەم ئۇنىڭ تەمىنى بىلىۋالىدۇ - دە، قايتا ئىچكەن ھامان ئۇنى پەرق ئېتەلەيدۇ. زەمزەم سۈيىنى دۆلەتلەر ئارا يۆتكەش ۋە ئۇزۇن مۇددەت ساقلاش بىلەنمۇ ئۇنىڭ تەمى قەتئى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ دىگەنلىرىمىز نەزەرىيە ياكى قەدىمقى كىتابلارنىڭ خەۋىرى ئەمەس، بەلكى تەجرىبە ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ يەكۈنى. زەمزەم سۈيىنىڭ بەزى كېسەللىكلەرگە شىپا بولغانلىقى توغرۇلۇق يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلارمۇ ئاز ئەمەس. ھازىرغىچە زەمزەم سۈيى زىيان قىلغان بېرەر جانلىق كۆرۈلمىگەن."
زەمزەم سۈيى ئىچىشنىڭ پايدىسى
ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەج قىلغۇچى، ئۆمرە قىلغۇچى ۋە شۇنداقلا ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ زەمزەم سۈيىدىن ئىچىشى ساۋاپلىقتۇر. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەمزەم سۈيىنى تەرىپلەپ: "ئۇ مۇبارەك سۇ بولۇپ، ئاچلىققا تائام، كېسەلگە شىپا بولىدۇ، زەمزەم سۈيىنى نېمە مەقسەت بىلەن ئىچسە شۇنىڭغا پايدا قىلىدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن.
