' زۇلۇم قانچە ئاشسا، قارشىلىقمۇ شۇنچە كۈچىيىدۇ'

قازاقىستان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان، ئۇلارغا قانۇنى يوللار بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتى بېرىدىغان دۆلەت بولمىسىمۇ، لېكىن قانۇنسىز ياكى تۈرلۈك يوللار بىلەن ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سانى خېلى بار.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ
2008.12.10
qeshqer-hujum-meydani1-305 ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ ياش مۇخبىرىمىز بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

بۇ ئۇيغۇر ياش، خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن دىنىي جەھەتتىن قاتتىق بېسىم كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۈز قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن، " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش " نامى ئاستىدا، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئېلىپ بېرىپ ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش ئورۇنلىرىنى خىتايلارنىڭ ئىگەللەۋاتقانلىقى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە تۇغۇلمىغان بالىلار ئۈستىدىن "تېررورلۇق" سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالمۇتادىكى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.