ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى ئەنقەرەدە باشلاندى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2023.07.11
yashlarni-terbiyelesh-kursi-2023-1 ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقۇچىلار. 2023-يىلى 10-ئىيۇل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنقەرەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 10-ئىيۇل ئاخشام رەسمىي باشلاندى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى ھەپتىلىك كۇرسنىڭ دەرس پروگراممىلىرىنى ئۇزۇن ۋاقىت مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ چىقتۇق. بۇنىڭدا بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ياشلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشى، ئۇيغۇر سەنئىتىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا تونۇشhشىدۇر. بۇ كۇرستا سازەندىلىرىمىز مۇزىكىلارنى ئۆگىتىدۇ، بىزنىڭ تونۇلغان سەنئەتچىلىرىمىز ئۇسسۇللارنى ئۆگىتىدۇ. بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىككى ھەپتە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ ئىككى ھەپتىلىك كۇرسنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى چىڭ كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنىگ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2023-يىلى 10-ئىيۇل، تۈركىيە.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنىگ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2023-يىلى 10-ئىيۇل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

كېيىن ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات بۆلۈمىنى دىرېكتورى سكوت ۋوردېن (Scott Worden) سۆز قىلىپ، بۇ كۇرسنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر جامائىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى ئامېرىكا دۆلەي مەجلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان پارتىيەسىز بىر ئورگان. ئاساسلىقى تىنچلىقنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن سىياسەت تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىپ ھۆكۈمەتلەرگە تەۋسىيە-تەكلىپلەرنى سۇنۇش. بىزنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىشخانىمىز بار، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە يوق. لېكىن ئۇ دۆلەتلەردە بىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان تەشكىلاتلار مەۋجۇت. بۇ كۇرس بۈگۈن ئاخىرلاشقان يىغىننىڭ داۋامى. ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسى يېڭىلىق تۈسى ئالغان بىر پائالىيەت. بۇ ياشلارنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىتىنى بەرپا قىلىشتا ناھايىتى مۈھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

قازاقىستاندىن كەلگەن مانزۇرا ئاقيولوۋا سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇ كۇرستا ئۇيغۇر تارىخىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىشنى خالايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ كۇرسقا قاتناشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ياشلار ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرماقتا. 2023-يىلى 10-ئىيۇل، تۈركىيە.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ياشلار ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرماقتا. 2023-يىلى 10-ئىيۇل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كەسپى ئوقۇغۇچىسى سىدرە قۇتۇبى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 34 ياشنىڭ ئەنقەرەدە جەم بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بۇ ئۆزئارا تونۇشۇش ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكانىڭ تېكساس شىتاتىدىن كەلگەن كەۋسەر ئۆزى تۇرۇۋاتقان شەھەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياشلارنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى كۇرسنى ئېچىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان نەتىجىلەر توغرىسىدا توختالدى.

ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، جۈملىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر كۇرس «ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقۇچىلار. 2023-يىلى 10-ئىيۇل، تۈركىيە.

كۇرس 10-ئىيۇلدىن 26-ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر كۇرسقا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 34 ئۇيغۇر ياش قاتناشماقتا. ئۇلار، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، گېرمانىيە، كانادا، شىۋېتسىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان. بۇلارغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار دەرس بېرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.