دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە شىۋېتسىيىدە نامايىش
مۇخبىرىمىز ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2008.12.10
2008.12.10

RFA Photo / Yalqun
10 - دېكابىر شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولۇپ، ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نوبېل سارىيىنىڭ ياكى شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنى نامايىش شەكلى بىلەن بىلدۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.
ھەر يىلى بۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن مېھمانلار بۇ ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ، قىزغىن قارشى ئېلىشلارغا ئېرىشىدۇ.نامايىشنىڭ مۇشۇنداق مۇھىم ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشتا ئەھمىيەتلىك پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئەتمەكتە.
دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بۈگۈنكى بۇ نامايىش دەل شۇ مەقسەتتە شىۋېتسىيە پارلامىنت بىناسى بىلەن شىۋېتسىيە پادىشاھ ئوردىسىنىڭ ئارىلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. گەرچە بۈگۈن ستوكھولىمنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ناچار بولسىمۇ، نامايىش شىۋىرغانلىق يامغۇردىكى سوغۇققا قارىماي بەلگىلەنگەن مۇددەت بۇيىچە ئېلىپ بېرىلدى.
نامايىشنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەشكىللىگەن بولۇپ، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىغا يېڭىدىن رەئىس بولۇپ سايلانغان ماھىنۇر خانىم نامايىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ.
بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىلشات رىشىت مۇنداق دەيدۇ.
بۇگۈنكى بۇ نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن سىرت شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان موڭغۇللارمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى شىۋېتسىيىدىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرى بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە ئىدى.