د ئۇ ق پېشقەدەم تۆھپىكارلار ۋە پائالىيەتچىلەرگە مېدال تەقدىم قىلغان

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر دەۋاسىغا تۆھپە قوشقان دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى پائالىيەتچىلەرگە مېدال تەقدىم قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، پېشقەدەم ئىنقىلابچى ۋە يازغۇچى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى بىلەن يازغۇچى سۆيۈنگۈل خانىمغا مېدال بېرىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەختىيار بۆرە ئەپەندى پراگادا چاقىرىلغان 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر يىغىندا قۇرۇلتايغا بارالمىغان ۋەكىللەرنىڭ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلگەن، شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

يىغىندا ئالدى بىلەن بەختىيار بۆرە ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى بىلەن سۆيۈنگۈل چانىشېف خانىمنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقۇرى باھا بەرگەن. شۇندىن كېيىن 22 دەك ۋەكىلگە گۇۋاھنامىلىرى تارقىتىپ بېرىلگەن.

د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا بارالمىغان ۋەكىللەرنىڭ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى. 2022-يىلى 12-مارت، ئاۋسترالىيە.
د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا بارالمىغان ۋەكىللەرنىڭ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى. 2022-يىلى 12-مارت، ئاۋسترالىيە. (RFA/Erkin Tarim)

د ئۇ ق بەرگەن مېدالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئەخمەت ئىگەمبەردى سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە د ئۇ ق نىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ 2004-يىلىدىن بۇيان د ئۇ ق نى. ىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مېدال تاپشۇرۇپ ئالغان سۆيۈنگۈل چانىشېف خانىممۇ ئۆز تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

مەزكۇر مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز د ئۇ ق ئىچكىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەختىيار بۆرە ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئالدى بىلەن ئادېلايدتدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇ ئادېلايدتا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىندا د ئۇ ق نىڭ پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارغا تەقدىم قىلغان مېداللىرىنى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بۇ يىغىنغا ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، زىيالىيلار ۋە د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان. ئۇيغۇر زىيالىيسى يۇلتۇز تېيىپجان ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئەڭ دەسلەپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، ھازىر ئادېلايدتا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى، مېلبورندا ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلار پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.