سام براۋنبەك ئەپەندى بىلەن كاترىنا لەنتوس خانىمغا ئۇيغۇرلار نامىدىن تون كىيدۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.07.01
سام براۋنبەك ئەپەندى بىلەن كاترىنا لەنتوس خانىمغا ئۇيغۇرلار نامىدىن تون كىيدۈرۈلدى «2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» نىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا د ئۇ ق ۋە ئۇھرپ رەھبەرلىرى سام بروۋنبەك(Sam Brownback) ئەپەندى ۋە كاترىنا لەنتوس سۋىت (Katrina Lantos Swett) خانىمغا تون كىيدۈرگەن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 30-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

28-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا باشلانغان «2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» 30-ئىيۇن كۈنى ئاخىرلاشتى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن دىنىي رەھبەرلەر، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە سىياسى پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلغان مەزكۇر ئالىي كېڭەشتە ئۇيغۇر مەسىلىسى باشتىن-ئاخىرى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەزكۇر ئالىي كېڭەش سابىق ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندى ۋە توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندىنىڭ رەئىسى دوكتور كاترىنا لەنتوس سۋىت (Katrina Lantos Swett) خانىم باشچىلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان. 30-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يېپىلىش مۇراسىمىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى رەھبەرلىرى بۇ ئىككى مۇھىم شەخسكە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تون كىيدۈرگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقان كىشىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، سابىق ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندى، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان دىنىي ئەركىنلىك يىغىنلىرىدا ۋە خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئىزچلىل تۈردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. 2020-يىلى 13-ئىيۇل كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ 4 نەپەر ئەمەلدارىغا جازا تەدبىرى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ئەمەلدارلارنىڭ قاتارىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنى ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندىمۇ بار ئىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئالىي كېڭەش ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نىسىبەتەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر يىغىلىش بولغان. ئالىي كېڭەشكە قاتناشقان مەيلى دىنىي ساھەدىكى كىشىلەر بولسۇن، مەيلى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولسۇن، ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ نۇتۇقلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.

ئۆمەر قانات ئەپەندى مەزكۇر ئالىي كېڭەشنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئۆتكۈزۈلگەن تون كېيگۈزۈش پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي جازا تەدبىرى قوللانغان شەخسلەرنى بىز مۇكاپاتلىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە!»

مەلۇم بولۇشىچە، «2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» ئىككىنچى قېتىملىق دىنىي ئەركىنلىك ئالى كېڭىشى بولۇپ، بىرىنجى قېتىملىقى ئۆتكەن يىلى 13-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر ئالىي كىڭەش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى قوللايدىغان دىنىي تەشكىلاتلارنى بىر يەرگە جەم قىلىشنى مەقسەت قىلغان، شۇنداقلا دۇنيادىكى مۇھىم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دىنىي رەھبەرلەر ئۆز ئارا ئۇچرىشىدىغان خەلقئارالىق سەھنە بولۇپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.