ۋاشىنگىتوندا «خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇر كىرىزىسى» ناملىق تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-09-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 4-يانۋار.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 4-يانۋار.
REUTERS

10-سېنتەبىر كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا «خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇر كرىزىسى» تېمىسىدا خىتاي تىلىدا تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ يىغىن ھەققىدىكى ئېلانىدا مەزكۇر يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلەردىكى يالغان تەشۋىقاتىغا باغلىنىپ قېلىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشتا ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا تەدبىر قوللىنىشتا ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يىغىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى 11-سېنتەبىر كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن قاتناشچىلىرى ۋە يىغىندا نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلار ھەققىدە توختالدى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن 10-سېنتەبىر كۈنى ۋاشىنگتون ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10-دىن 11:30 غىچە داۋاملاشقان. يىغىندا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىشى تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ياچيۇ خانىم، تەيۋەندىكى مۇخبىر ياڭ خاۋۋېي ۋە لاگېر تۇتقۇنى مۇخبىر ئەركىن تۇرسۇننىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى ئارافات ئەركىنلەر پىكىر قاتناشتۇرغان.

يىغىن ھەققىدىكى نەق مەيدان سىن كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋۋال سۆز نۆۋىتى ئالغان ۋاڭ ياچيۇ خانىم سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر تەرەپلىمە، يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ چەتەللەردە پەيدا قىلغان سەلبىي تەسىرى ھەققىدە توختالغان.

ۋاڭ ياچيۇ خانىم ئۆزىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بارغان تەتقىقات ئىزدىنىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتاي دۆلىتىگە يېقىندىن باغلىنىپ قالغان پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئافرىقا ئەللىرىدە ئالاھىدە ئۈنۈم كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يىغىندا يەنە ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئارافات ئەركىنمۇ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسى ھەققىدە يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقى توغرىلىق گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئارافات ئەركىن بايانىدا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئارافاتقا ۋە ئۇنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىغا ھەر خىل بېسىم ۋە تەھدىتلەرنى قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا تەيۋەندىن قاتناشقان مۇخبىر ياڭ خاۋۋېي ئەپەندى يېقىنقى بىرقانچە يىلدا مەخسۇس چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر گۇۋاھچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتاي تىللىق تاراتقۇلاردا ماقالە ئېلان قىلىپ كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ بىرى ئىكەن.

مۇخبىر ياڭ خاۋۋېي ئەپەندى سۆزىدە ئۆزى ئىككى يىلدىن بۇيان نۇقتىلىق زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بايانلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئوتتۇرىسىدا زور پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياڭ خاۋۋېي ئەپەندى سۆزىدە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرى، ئائىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتى ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنغان ئالبانىيەلىك مۇخبىر ئولرىخ يازىجىغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ خەۋەرلىرى ئارقىلىق خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ ماھىيىتىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن سوئاللار ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇ 10-سېنتەبىر ئېچىلغان «خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇر كرىزىسى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۈگۈنكى كۈندىمۇ چەتئەللەردە تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۈندىدار، تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ، ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، چەتئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك يالغان تەشۋىقاتىنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆپ مەنبەلىك خەۋەر قاناللىرىغا ئېتىبار بېرىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت